3. ئېلخەتتە كەلگەن ناتونۇش تور بېتىنىڭ ئادرىسىنى ھەرگىز چەككمەڭ
ماڭا يېقىندا ياۋروپادا ياشاۋاتقان بىر ئۇيغۇرنىڭ قىياپىتىگە كىرىۋالغان، ئۆزەم پەقەتلا تونۇمايدىغان بىر كىشىدىن ئېلخەت كەلدى. ئۇ خەتنى "ھۆرمەتلىك ئەركىن سىدىق ئەپەندى،" دەپ باشلىغان بولۇپ، تىلى ئىنتايىن راۋان ۋە يېقىملىق ئىدى. ئۇ خېتىدە ئۆزىنىڭ يېقىندا بىر سۆھبەتكە قاتناشقانلىغىنى، بۇ ھەقتىكى سۈرئەتلىك كۆرۈنۈشنى مەلۇم بىر تور بېتىدە كۆرگىلى بولدىغانلىغىنى ئېيتىپ، ئېلخەت ئىچىدە بۇ تور بېتىنىڭ ئادرىسىنىمۇ يېزىپ قويۇپتۇ. مەن ئادەتتە بۇ جەھەتتە ئىنتايىن ئېھتىياتچان بولۇپ، ئۆزەمگە ناتونۇش تور بېتىنى زادىلا ئاچمايتتىم. بىر قېتىم چەت ئەلدىكى مەلۇم بىر تور بېتىنىڭ مۇنبىرىدىكى بىر ئۇچۇردا بېرىلگەن بىر تور بەت ئادرىسىنى چەكسەم، كومپيۇتېرىم دەرھال «بۇ تور بېتىدە ۋىرۇس بار بولىشى مۇمكىن. شۇنداق بولسىمۇ ئېچىۋېرەمسەن؟» دىگەندەك سوز چىقىپ، ماڭا ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇ تور بېتىنى ئاچمىغان ئىدىم. بۇ قېتىم ھېلىقى ئىش ئېسىمگە كېلىپ، بۇ تور بېتىنى چېكىپ سىناپ بېقىشنى قارار قىلدىم. ئېلخەتتىكى ئادرىسنى چەككەندىن كېيىن، بىر تور بېتى ئېچىلدى. بۇ تور بېتى چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر تور بېتىنىڭ باش بېتىگە ئوخشاش كۆرۈندى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭدىن ھېلىقى كىشى دىگەن سۆھبەت توغرىسىدىكى مەزمۇننى ئىزدەپ تاپتىم. ئۇ سەھىپىنىڭ ئىسمىنى چەككەن ھامان، مېنىڭ كومپيۇتېرىم ناھايىتى جىددىيلىشىپ كەتتى. بىرەر مىنۇتقا يېقىن ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، كومپيۇتېرىمدىكى ۋىرۇسقا تاقابىل تۇرۇش يۇمشاق دەتالى ئېكرانغا بىر دوكلاد بېسىپ چىقاردى: كومپيۇتېرىمغا ۋىرۇس بار بىر ھۆججەت قاچىلىنىپتۇ، لېكىن ئۇنىڭ قەيەرگە قاچىلانغانلىغى مەلۇم ئەمەسكەن، شۇڭا بۇ پروگرامما ھېلىقى ھۆججەتنى ئۆچۈرەلمەپتۇ. بۇ دوكلاتتا ھېلىقى ھۆججەت چۈشۈرۈلگەن ئورۇننىڭ ئادرىسى بار بولۇپ، شۇ ئادرىسقا قاراپ ماڭسام، ئوتتۇرىغا كەلگەندە دىيىلگەن ئورۇن كومپيۇتېردە كۆرۈنمىدى. كومپيۇتېر بىلەن بىر دەم ھەپىلىشىپ، ھېلىقى ئورۇننىڭ ئەسلىدە «يوشۇرۇن» (ئىنگلىزچە «ھىددەن فولدەر») ئىكەنلىگىنى بىلدىم. ئۇ ئورۇننى كۆرۈنىدىغان قىلىپ، ھېلىقى ھۆججەتنى تېپىپ، ئۇنى دەرھال ئۆچۈرىۋەتتىم.
بۇ ھۆججەتنىڭ ئىسمى «test[1].cur» بولۇپ، چۈشۈرۈلگەن ئورنى مۇنداق ئىكەن:
C:\Documents and Settings\...\Local Settings\Temporary Intérnét Files\Content.IE5\XYL7Y43E\
بۇ كومپيۇتېرنى بۇزۇپ تاشلايدىغان پروگراممىمۇ، ياكى ئىگىلىرىگە مېنىڭ كومپيۇتېرىمدىكى ھۆججەت-ئۇچۇرلارنى ماڭدۇرۇپ بېرىدىغان پروگرامىمۇ، ئۇنى بىلمىدىم. ئىشقىلىپ ئۇنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغىلى تاسلا قالدىم.
مېنىڭ بۇ ئەھۋاللارنى تەپسەلى يېزىشتىكى مەقسىدىم، سىزنى مۇشۇنداق ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقۇزۇشتىن ئىبارەت. يەنى، سىزگە ئېلخەت ئارقىلىق كەلگەن ناتونۇش تور بەت ئادرىسلىرىنى ھەرگىز چەكمەڭ. شۇنداقلا، تور بەت مۇنبىرلىرىدىكى بىرەر ئۇچۇرنىڭ ئىچىدە بېرىلگەن، ئۆزىڭىز گۇمانلىق دەپ قارىغان تور بەت ئادرىسىنىمۇ ھەرگىز چەكمەڭ. بەزى نەرسىلەر كۆرۈنىشتە بىر تور بەت سەھىپىسىنىڭ ئادرىسىدەك كۆرۈنسىمۇ، ئۇنىڭ ئىچىگە ھېلىقىدەك سىزنىڭ كومپيۇتېرىڭىزغا ئۆزلىگىدىن ۋىرۇسى بار بىرەر ھۆججەتنى قاچىلايدىغان پروگرامما ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولىدۇ. مەن يوقۇرىدا مىسال قىلىپ چۈشەندۈرگەن 2 نەرسە دەل ئاشۇنداق نەرسىلەردۇر.
سىزنىڭ بىرەر تور بېتىنى ئىنتايىن كۆرگىڭىز كەلىپ كەتسە، لېكىن ئۇنىڭ بىر نورمال تور بېتى ئىكەنلىگى ياكى ئەمەسلىگىگە تازا ئىشەنچ قىلالمىسىڭىز، سىز ئۇنى ئۆزىڭىز تەكشۈرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ. مەسىلەن، سىز
http://www.canaca.com/
دىگەن تور بېتىگە كېرىپ، ئۈستۈنكى سول تەرەپتىكى «چەكك دومائىن نامە» دىگەن يەرگە «yahxi123.com» دىگەن سۆزنى يېزىپ، ئۈستۈنكى ئوڭ تەرەپتىكى «چەكك» دىگەن يەرنى چېكىپ بېقىڭ. شۇنداق قىلسىڭىز «yahxi123.com ئىس نوت ئاۋائىلابلە تو بە رەگىستەرەد.» دىگەن سۆز چىقىدۇ. بۇ سۆزنىڭ مەنىسى «yahxi123.com نى باشقىلار تىزىملىتىپ بولغان» دىگەندىن ئىبارەت. دىمەك، بۇ بىر نورمال تور بەت ئادرىسىدۇر. ئەگەر ئاشۇ تور بېتىنىڭ «ۋىئەۋ ۋھوئىس» دىگەن يېرىنى چەكسىڭىز، بۇ تور بېتىنىڭ قايسى ئىنتېرنېت مۇلازىمەت شىركىتى ئارقىلىق تىزىمغا ئالدۇرۇلغانلىغى توغرىسىدا تەپسېلى ئۇچۇر چىقىدۇ. ئەگەر سىز ئامەرىكىدا تىزىمغا ئالدۇرۇلغان بىرەر تور بېتىنى يوقۇرقىدەك تەكشۈرسىڭىز، ئۇ تور بېتىنى تىزىمغا ئالدۇرغان كىشىنىڭ ئىسمى، ئۆي ئادرىسى، تەلەفون نومۇرى قاتارلىق ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسى چىقىدۇ.
ئەمدى سىز يوقۇرقى تور بەت ئادرىسى ئورنىغا «yahxi1234.com» دىگەننى كىرگۈزۈپ تەكشۈرۈپ بېقىڭ (بۇ ئىسىم بىلەن يوقۇرقى ئىسىمنىڭ پەرقىگە دىققەت قىلدىڭىزمۇ؟). بۇ قېتىم سىز «yahxi1234.com ئىس ئاۋائىلابلە.» دىگەن سۆزنى كۆرىسىز. بۇ سۆزنىڭ مەنىسى «بۇ تور بېتى تېخى تىزىملىتىلمىغان» دىگەندىن ئىبارەت. ئەگەر سىز بىر ئېلخەت تاپشۇرىۋېلىپ، ئۇنىڭدا سىزنى «yahxi1234.com» دىگەن تور بېتىنى كۆرۈپ بېقىشنى ئەيتقان بولسا، سىز ئۇنىڭغا ئىشەنچ قىلالماي يوقۇرقىدەك تەكشۈرۈپ باقسىڭىز، بۇ تور بېتىنىڭ يالغان تور بېتى ئىكەنلىگىنى شۇ زاماتلا بىلىۋالالايسىز.
مەن يوقۇرىدا تەسۋىرلىگەن، ناتونۇش تور بەتىنىڭ راس-يالغانلىغىنى تەكشۇرۇپ بەقىش ئۇسۇلى، مەن مۇشۇ قىسىمنىڭ ئەڭ بەشىدا تەسىۋرلىگەن ھادىسىنىڭ ئالدىنى ئەلىشقا ئىشلىمەيدۇ. يەنى، بىر تور بەتىغا كەرىپ، ئۇنىڭدىكى بىر سەھىپىنىڭ ئىسمىنى چەككەندىن كەيىن سىزنىڭ كومپيۇتەرىڭىزغا بىر ۋىرۇس بار ھوججەت ئوزلىگىدىن قاچىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولمايدۇ. مەن ھازىرغىچە بۇنداق ئەھۋالنىڭ ئالدىنى ئەلىشنىڭ بىر مۇۋاپىق ئۇسۇلىنى ئويلاپ تاپالمىدىم. ئەسلىدە مەن ھەلىقى ماڭا ئەلخەت يازغان كىشىنى ھەچ قانداق تونىمايدىغان بولغاچقا، ئۇنىڭدىن كەلگەن ئەلخەتكە سەل گۇمانلىق پۇزۇتسىيە بىلەن مۇئامىلە قىلغان بولسام، ئۇ كورسەتكەن سەھىپىنى ئەچىشقا ئۇرۇنمىسام بولغان ئىكەن. بۇ ماڭا بىر ئوبدان ساۋاق بولدى.
4. خۇلاسە
يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان، مەن ئۆزەمنىڭ ھەر بىر كۈنىنى بەزى بىر يامان نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ ئىنتېرنېت ئارقىلىپ ئېلىپ بارغان نۇرغۇن قېتىملىق ھۇجۇمىغا ئۇچراپ تۇرۇپ ئۆتكۈزىدىغان بولۇپ قالدىم. ئۆزەمنىڭ پەرىزىچە، بۇنداق ھۇجۇملارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلمىغىنىمۇ بار بولۇپ، ماڭا ئۇيغۇر نامىدا ۋە ئۇيغۇرچە مەزمۇندا كېلىۋاتقانلىرىنىڭ خېلە كوپ قىسمى ماڭا ئوخشاش ئۇيغۇرلارغىلا قارىتىلغان بولىشى مۇمكىن. بۇنداق ھۇجۇمنىڭ نىشانلىرىنىڭ يوقۇرى-تۆۋەن بالدىقى بار بولۇپ، قارىغاندا مەن بۇ بالداقنىڭ خېلە يوقۇرى يېرىدىن ئورۇن ئالغان ئوخشايمەن. مەن بىر تەرەپتىن ئۆزەم ئىنتايىن سەگەك بولۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن كومپيۇتېرىمدىكى ئەڭ يوقۇرى سۈپەتلىك ۋىرۇسقا تاقابىل تۇرۇش پروگراممىسىنىڭ قوغدىشى ئارقىلىق، ھازىرغىچە بىرەر قېتىممۇ يوقۇرىدا بايان قىلىنغان ۋىرۇسلارنىڭ زىيانكەشلىگىگە ئۇچراپ باقمىدىم. لېكىن، نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ئاشۇنداق زىيانكەشلىككە ئۇچراپ كەتتى. مەسىلەن، بۇ يىل يۇرتقا بېرىپ، ئەڭ ئاددىي پۇقرالار قاتارىدا ياشايدىغان، ئۆيىگە كومپيۇتېر ئالغان تۇققان ۋە تونۇشلىرىمنىڭ خېلە كۆپلىرى يوقۇرقىدەك ۋىرۇسلارنىڭ قۇربانى بولغانلىغىنى كۆردۈم. مەن ئۇلارغا ئىنتايىن ئىچ ئاغرىتتىم. «بۇلار نىمە گۇنا قىلغان بولغىيتتى؟» دەپ ئويلۇدۇم. ئالدىنقى ھەپتىدىكى بىر كۈننىڭ ئىچىدە مەن يوقۇرىدا بايان قىلغان 3 خىل ۋىرۇسنىڭ ھەممىسىنىڭ ھۇجۇمىغا تەڭلا ئۇچرۇدۇم. ھەمدە ئۇلارغا يولىدا تاقابىل تۇردۇم. لېكىن، شۇ چاغدا مەن «ئەگەر مېنىڭ ئورنۇمدا كومپيۇتېر بىلىملىرىدىن ئانچە خەۋىرى يوق بىر ئۇيغۇر بولغان بولسا، قانداق قىلار ئىدى؟» دەپ ئويلۇدۇم. شۇنىڭ بىلەن بىر كۈچلۈك ھېسىياتقا كېلىپ، بۇ يازمىنى باشلىدىم. مېنىڭ بۇ يازمام مانا مۇشۇنداق مەيدانغا كەلدى. ئۇنىڭدا مەن ھازىرغىچە دۇچ كەلگەن ئىنتېرنېت ۋىرۇسلىرىنىڭ ھەممىسىنى يازدىم. لېكىن، مەن تېخى ئۇچرۇتۇپ باقمىغان ۋىرۇسلار يەنە بولىشى مۇمكىن. ئەگەر كەلگۇسىدە يېڭى نەرسە ئۇچرۇتۇپ قالسام، مەن ئۇلارنى مۇشۇ يازمىغا قوشۇپ قويۇشقا تىرىشىمەن. بۇ يەردە مەن كومپيۇتېر ئېئەلىشقا ئارانلا چىقىنىۋاتقان ئۇيغۇر قەرىنداشلىرىم مۇشۇ يەردە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۇچۇرلاردىن ئازراق بىلىم ۋە ساۋاق ئېلىۋالسا، شۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنى ئازراق بولسىمۇ قوغدىيالىسا، دىگەن ئۈمىتتىمەن.
بۇرۇن بىر قىسىم ياشلار مەن بىلەن تۇنجى قېتىم ئېلخەت ئارقىلىق ئالاقە قىلغاندا، ماڭا ئېلخەتتە ھۆججەت ماڭدۇردى. مەن ئۇلاردىن ھۆججەت ماڭدۇرماي، ماڭا دىمەكچى بولغان سۆزلىرىنى ئېلخەت ئىچىگە يېزىپ ماڭدۇرۇشنى تەلەپ قىلسام، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى شۇنىڭدىن كېيىن يوقاپ كەتتى. بەزىلىرى مەن تەلەپ قىلغان بويىچە ئىش تۇتتى. يەنە بەزىلىرى بولسا مەندىن «ماڭا ئىشەنمەپسىز» دەپ رەنجىپ، مەن بىلەن ئالاقە قىلىشتىن ۋاز كەچتى. مېنىڭ ئاشۇنداق يول تۇتۇشىمدىكى سەۋەپنى بۇ يازمىنى ئوقۇغان ھەر بىر كىشى توغرا چۈشىنەلەيدۇ، دەپ ئويلايمەن. ھەممە ئىشنىڭ مەلۇم سەۋەبى بار. مېنىڭ ئېلخەتتە كەلگەن ھوججەتنى ئاچماسلىغىمدا، ھەمدە باشقىلارغا ئېلخەت ئارقىلىق چاپلانما ھۆججەت ماڭدۇرماسلىغىمدا، مانا يوقۇرقىدەك سەۋەپلەر بار.
ناھايىتى ئالدىراشلىق ئىچىدىن ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ تەييارلىغان بۇ يازمام بىر ئاز قالايمىقان چىقىپ قالدى. شۇڭا ئوقۇرمەنلەرنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى سورايمەن.
ئەركىن سىدىق
2007-10-5
(تۈگىدى)