پرىنتېرغا يوللاش

[ئەركىن سىدىق] ۋاقىتنى مۇۋاپىق باشقۇرۇش

system بۇ تېمىنى 2010-4-26 08:02 دە يۆتكىگەن

[ئەركىن سىدىق] ۋاقىتنى مۇۋاپىق باشقۇرۇش

ۋاقىتنى مۇۋاپىق باشقۇرۇش



ئەركىن سىدىق



2008-يىلى 4-ئاينىڭ 6-كۈنى



مەن ئالدىنقى قېتىم يازغان «ئىش ئۈنۈمى يۇقىرى كىشىلەرنىڭ 7 ئادىتى» دېگەن يازمامدا، دۇنياغا داڭلىق كوۋەي ئەپەندى يەكۈنلەپ چىققان يۇقىرى ئۈنۈم بىلەن ئىش قىلىدىغان، ئۆز ھاياتىنى ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەن كىشىلەرنىڭ 7 ئادىتىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتۈم. كوۋەي ئەپەندى ئۆزىنىڭ «ئىش ئۈنۈمى يۇقىرى كىشىلەرنىڭ 7 ئادىتى» دېگەن كىتابىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ داۋامى تەرىقىسىدە يەنە بىر كىتاب ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ 2-كىتابىنىڭ ئىنگلىزچە ئىسمى «First things first». بۇنىڭ مەنىسى «مۇھىم ئىشنى ئالدىدا قىلىش» دېگەنگە توغرا كېلىدۇ. بۇ ئەسلىدە يۇقىرىقى 7 ئادەتنىڭ ئۈچىنچىسى بولۇپ، بىزنىڭ ئىدارىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بىر سېمىنار مەخسۇس مۇشۇ تېمىدا بولدى. مەن ئۇشبۇ يازمامدا «مۇھىم ئىشنى ئالدىدا قىلىش» بويىچە، قانداق قىلغاندا ۋاقىتتىن مۇۋاپىق پايدىلانغىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا توختىلىپ ئوتىمەن.

«ئىگىلىك باشقۇرۇش» دېگەننى ئىنگلىز تىلىدا «business management» دەيدۇ. ئىنگلىز تىلىدا مۇشۇ سۆز بىلەن ئوخشاش خاراكتېردىكى يەنە بىر سۆز بار. ئۇ بولسىمۇ «time management». بۇ سۆزنىڭ مەنىسى «ۋاقىت باشقۇرۇش». ئۇيغۇر دىيارىدا ھازىر «ۋاقىت باشقۇرۇش» دېگەن سۆز ئىشلىتىلەمدۇ-يوق، ئۇنى بىلمەيمەن. لېكىن، مەن ئۇيغۇر دىيارىدا ياشاۋاتقان ۋاقتىمدا بۇ سۆزنى ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن. شۇڭا گەرچە مېنىڭ بۇ يازمىدا توختالماقچى بولغىنىم «ۋاقىت باشقۇرۇش» دېگەن مەزمۇن بولسىمۇ، ئوقۇرمەنلەرگە بىر ئاز غەلىتە تۇيۇلۇپ قالمىسۇن، دەپ ماقالىنىڭ تېمىسىنى «ۋاقىتنى مۇۋاپىق باشقۇرۇش» دەپ ئالدىم.

ئامېرىكىدا «ۋاقىت باشقۇرۇش» دېگەن سۆز ناھايىتى كەڭ تۈردە قوللىنىلىدۇ. ئوتتۇرا ۋە چوڭ تىپتىكى شىركەت، ئىدارە، مەكتەپ ۋە ئورگانلار مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ، مۇددەتلىك ھالدا ئۆز شىركىتىدىكى ھەر دەرىجىلىك باشلىقلارنى «ۋاقىت باشقۇرۇش» جەھەتتە تەربىيىلەپ تۇرىدۇ. مەن بۈگۈن ئامېرىكىدىكى ئىنتېرنېت ئارقىلىق كىتاب ساتىدىغان داڭلىق شىركەت www. amazon. com نىڭ تور بېتىگە كىرىپ، «time management» دەپ كىرگۈزۈپ باقسام، جەمئىي 73272 ئىزدەش نەتىجىسى چىقتى. بۇنىڭدىن ئامېرىكىلىقلارنىڭ «ۋاقىت باشقۇرۇش» قا نەقەدەر كۆڭۈل بۆلۈدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى. بۇنىڭ ئەكسىچە، يېقىنقى بىر قانچە ئەسىرنىڭ مابەينىدە مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋاقىت كۆز-قارىشى ئىنتايىن ئاجىز بولۇپ كەلدى. مەسىلەن، يالقۇن روزى ئەپەندىنىڭ «بىز قانداقلارچە ناخشا-ئۇسسۇل مىللىتى ئاتىلىپ قالدۇق» دېگەن يازمىسىدا مۇنداق دەيدۇ:
نەقىل:
1906-يىلى قەشقەرگە كەلگەن فىنلاندىيىلىك ئېكسپېدىتسىيىچى ماننېر خېيىم (Manner Heim) ئۆزىنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىدە: «ئۇيغۇرلارنىڭ تەبىئىتى بىكار تەلەپ، كەيىپ-ساپا تۇرمۇشقا ئادەتلەنگەن، تەييار تاپ، كۈن- كۈنلەپ لاغايلاپ يۈرىدۇ، ئىشلەي دېمەيدۇ. بولۇپمۇ قوغۇن پىششىقىدا ئۇلار توپلىشىپ ئولتۇرۇشۇپ، بىر-ئىككى قوغۇن تاۋۇزنى پىچىپ داستىخانغا قويۇۋېلىپ، ئەتتىگەندىن تۈن يېرىمغىچە نەغمە-ناۋا قىلىشىدۇ»، دەپ خاتىرىلەنگەن
بۇ ماقالىنىڭ تولۇق تېكىستىنىڭ تور ئادرېسى:

http://www.meripet.com/Academy/NaxshaUsulMilliti.htm


ئىنگلىزچىدا مۇنداق بىر سۆز بار: «The good is often the enemy of the best» بۇنىڭ مەنىسى «ياخشى بولۇش كۆپىنچە ھالدا ئەڭ ياخشى بولۇشنىڭ دۇشمىنى بولىدۇ.» ئۇيغۇرلارنىڭ يېرى كەڭ، يىمەكلىكى مول، ئۆز يۇرتىدىن سىرتقا چىقماي ياشىغاندا ئۆز-ئارا رىقابەتلىشىشنىڭ ئانچە زۆرۈريىتى يوق بولغاچقا، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ يېرىمىغىچە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋاقىت كۆز-قارىشىنىڭ ئاجىزلىقى ئۆزلىرى ئۈچۈن ئانچە بىلىنمىگەن ئىدى. ئەسلىدە بۇرۇنقىغا ئوخشاش باشقىلارغا بېقىندا بولماي، باشقىلار بىلەن رىقابەتلەشمەي، داۋاملىق ھەر خىل بېسىملارغا ئۇچرىماي، ئۇخلاش ۋە يېيىش جەھەتتىكى ماددىي تۇرمۇش بىلەنلا قانائەتلىنىپ، راھەت ۋە خۇشال-خۇرام ياشىغىلى بولغان بولسا، چوقۇم ۋاقىت كۆز-قارىشىنى ئۆزگەرتمىسىمۇ بولىۋېرەتتى. ئەمما، رىئااللىق شۇكى، يېقىنقى يېرىم ئەسىردىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنىڭ ياشاش مۇھىتى شىددەتلىك دەرىجىدە ئۆزگىرىپ، ھازىر چوقۇم باشقىلار بىلەن رىقابەتلەشمىسە ئۆز مەۋجۇتلىقىنى يوقىتىپ قويىدىغان بىر ھالەت شەكىللەندى. مۇشۇنىڭغا ئەگىشىپ، ھازىر ئۇرۇمچى قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋاقىت كۆز- قارىشىدا ناھايىتى چوڭ ئۆزگىرىشلەر بولىۋېتىپتۇ. لېكىن، ئۆز پەرىزىمچە ئۇيغۇرلاردا «ۋاقىت باشقۇرۇش» تېخىچە بىر ئىلىم بولۇپ شەكىللەنگىنى يوق. يۇقىرىدا تىلغا ئالغىنىمدەك، «ۋاقىت باشقۇرۇش» قا ئائىت ئىنگلىزچە كىتابتىن 17 مىڭدىن كۆپرەكى بار ئىكەن. ئۇيغۇرچىسىدىن قانچىسى بار؟

مەن بۇ بىر ماقالىدە «ۋاقىت باشقۇرۇش» ئىلىمىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى تولۇق تونۇشتۇرۇپ بولالمايمەن. مېنىڭ بۇ يەردە تونۇشتۇرىدىغىنىم كوۋەي ئەپەندى ئوتتۇرىغا قويغان «مۇھىم ئىشنى ئالدىدا قىلىش» ئۇقۇمى بولۇپ، ئۇنىڭدىن ھەر بىر كىشى ئۆزىنىڭ كۈندىلىك خىزمىتى ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشىدا پايدىلانسا، چوقۇم ياخشى ئۈنۈم قازىنالايدۇ، دەپ ئويلايمەن. بۇ بىلىملەرنىڭ ھازىر پۈتۈن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە مەۋجۇد بولۇپ تۇرغان ۋاقىت ئىسراپچىلىقى مەسىلىنى توغرا تونۇپ يېتىش، شۇنداقلا پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ۋە رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈنمۇ ناھايىتى پايدىلىق ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن.


1. سائەت بىلەن كومپاس



ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدە «ئالدىرىغان يولدا قالار» دېگەن ماقالنى ئاڭلاپ باقمىغانلار ئاساسەن بولمىسا كېرەك. مەنمۇ بۇ سۆزنى ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققان ۋاقتىمدىلا ئاڭلىغان بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن ئېسىمدىن چىقىرىپ باقمىدىم. ئىش قىلغاندا ئىزچىل تۈردە ئۈنۈمىگە ئەھمىيەت بېرىپ، سۈرئەت قوغلىشىپ كەتمىگەن بولساممۇ، مەن بۇرۇن بۇ سۆز توغرىسىدا ئانچە ئويلىنىپ باقماپتىكەنمەن. بۇ قېتىم ئۇشبۇ يازمىنى يېزىش ئۈچۈن ئىزدىنىپ ماتېرىيال كۆرۈش جەريانىدا، بۇ سۆزنىڭ ناھايىتى چوڭقۇر ئىلمىي ئاساسى بارلىقىنى ھېس قىلدىم. يەنى «ئالدىراش» دېگەن سائەت، ۋاقىت، ۋە ئىش قىلىش سۈرئىتى دېگەنگە قارىتىلغان بولۇپ، «يولدا قېلىش» بولسا بىر ئىشنى قىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئېرىشكەن ئۈنۈم ياكى نەتىجىگە قارىتىلغان. نۇرغۇن كىشىلەر ھاياتنى سائەتكە ئوخشىتىدۇ. ۋاقىتنى ئىش قىلىش سۈرئىتى ئاساسىدا قەدىرلەيدۇ. لېكىن، ۋاقىت بىلەن ئىش قىلىش سۈرئىتىگە قارىغاندا ئەڭ ئاخىرىدا ئېرىشكەن ئۈنۈم ۋە نەتىجە تېخىمۇ مۇھىم. كومپاس بىر ئىشنى قىلىپ ئېرىشكەن ئۈنۈمىنىڭ سىمۋولى بولۇپ، ئۇ بىر ئىشنى قىلىشتىكى يۆنىلىش، مەقسەت، دانالىق، توغرا ھۆكۈم، ۋە تەڭپۇڭلۇق چۈشەنچىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. كومپاسنى قەدىرلەيدىغان ئادەم ھەر قانداق بىر ئىشنى قىلىشتىن بۇرۇن، ئۇنىڭ قىممىتى توغرىسىدا چوڭقۇر ئويلىنىدۇ. ئۆز-ئۆزىدىن: «مەن ھازىر ئۆز ۋاقتىمنى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزىۋاتىمەنمۇ؟ مەن ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم ئىشلار قايسىلار؟ بار ۋاقتىمنى ئاشۇ مۇھىم ئىشلار ئۈچۈن قانچىلىك سەرپ قىلىۋاتىمەن؟ ھازىر قىلىۋاتقان ئىشىمنىڭ مەن كۆزلىگەن نىشانغا يېتىش ئۈچۈن قانچىلىك پايدىسى بار؟» سوراپ تۇرىدۇ. ئەھمىيەتسىز ئىشلار ئۈچۈن ئىسراپ قىلىۋاتقان ۋاقتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىپ، پۈتۈن ۋاقتى بىلەن زېھنىنى ئەھمىيەتلىك ئىشلارغا قارىتىدۇ.

ياخشى تەربىيە ئاساسىغا قۇرۇلغان ئاڭ ئادەم ئۈچۈن بىر ئىچكى كۆزەتكۈچى ۋە يول باشلىغۇچى سىستېمىسى بولۇش رولىنى ئوينايدۇ. شۇڭا كىشىلەر ئىشنى ئۈنۈملۈك قىلىمەن دەيدىكەن، چوقۇم «سائەت» ئۇقۇمى ئاساسىغا قۇرۇلغان روھىي دۇنيادىن قۇتۇلۇپ، «كومپاس» ئاساسىدىكى روھىي دۇنيانى بەرپا قىلىشى كېرەك. ئىشنى قارىغۇلارچە تەز قىلىش، ياكى «ئالدىراش» ئۇسۇلىنى قوللىنىدىغان كىشىلەر ئۇزۇن مۇددەتلىك نۇقتىسىدىن قارىغاندا، قىلغان ئىشىنى ئانچە ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتۈرەلمەيدۇ، ياكى «يولدا قالىدۇ». سۈرئەت قوغلاشماي ئۈنۈم قوغلىشىش ئۆزىنىڭ ئىشىنى قىلىشقىمۇ ۋە باشقىلار ئۈچۈن ئىشلەشكىمۇ قارىتىلغان بولۇپ، سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىشىنى قىلغان ۋاقىتتىمۇ سۈرئەت قوغلاشماسلىقىڭىز كېرەك.


2. ۋاقىت ماترىتساسى ــــ پائالىيەتلەر



كوۋەي ئەپەندى كىشىلەرنىڭ پائالىيەتلىرىنى بىر ۋاقىت ماترىتساسىدىكى 4 كۇئادراتقا بۆلگەن. بۇ يەردىكى «ماترىتسا» بىلەن «كۇئادرات» دېگەن سۆزلەر ماتېماتىكا ئاتالغۇلىرى بولۇپ، ئۇنى ئانچە چۈشىنىپ كەتمەيدىغان ئوقۇرمەنلەر «بىر 4 كۇئادراتلىق ماترىتسا» دېگەن سۆزنى «بىر 4 كاتەكلىك جەدۋەل»، دەپ چۈشەنسىمۇ بولىۋېرىدۇ. مەن بۇ ماترىتسانى 1-رەسىمدە چۈشەندۈردۈم. ئوقۇرمەنلەرگە قۇلايلىق بولسۇن ئۈچۈن، تۆۋەندە مەن بۇ رېسىمدىكى ھەر بىر كۇئادراتنىڭ مەزمۇنىنى قايتا تىزىپ چىقىمەن:

(1) مۇھىم ۋە جىددىي ئىشلار
قىستاپ كەلگەن ئىشلار
كىرىزىسلار/قورقۇنچلۇق ئىشلار
پۈتتۈرۈش ۋاقتى بېكىتىلگەن ئىشلار

(2) مۇھىم ئەمما جىددىي ئەمەس ئىشلار
ئالدىنى ئېلىش ئىشلىرى
مۇناسىۋەت ئورنىتىش
پىلانلاش ۋە تەييارلىق كۆرۈش
سىستېمىلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش
كەسپىي بىلىملەر ئىگىلەش
كۆڭۈل ئېچىش

(3) مۇھىم ئەمەس لېكىن جىددىي ئىشلار
ئورۇنسىز كاشىلا ئىشلىرى
ھاجەتسىز دوكلاتلار
مۇھىم ئەمەس يىغىن ۋە تېلېفونلار
باشقىلارنىڭ كىچىك ئىشلىرى
كەڭ تارالغان ئىشلار

(4) مۇھىم ئەمەس ھەمدە جىددىي ئەمەس ئىشلار
ئۇششاق-چۈششەك ئىشلار
ئالدىراش ئىشلار
مۇناسىۋەتسىز تېلېفونلار
ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىدىغان ئىشلار
«قۇتۇلۇش» ئىشلىرى
چېكىدىن ئاشقان تېلېۋىزور، ئىنتېرنېت
ھەددىدىن ئارتۇق ئارام-ئېلىش




1-رەسىم: مۇھىم ئىشلار بىلەن جىددىي ئىشلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى چۈشەندۇرىدىغان تۆت كۇئادراتلىق ۋاقىت ماترىتساسى.

يۇقىرىدا كۆرگىنىمىزدەك، بۇ 2x2 ئۆلچەملىك ماترىتسا بىزگە جىددىيلىك چۈشەنچىسى بىلەن مۇھىملىق چۈشەنچىسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بولۇپ، بىز ئۇ ئارقىلىق ئۆز ۋاقتىمىزنى قانداق ئىشلارغا سەرپ قىلىۋاتقانلىقىمىزنى كۆرۈۋالالايمىز. بۇ ماترىتسانى تولۇق چۈشىنىش ۋە ئۇنىڭدىن توغرا پايدىلىنىش ئۈچۈن، سىز ئالدى بىلەن ئۆزىڭىز ئۈچۈن قايسى ئىشلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقىشىڭىز كېرەك. يەنى سىز ئالدى بىلەن مېنىڭ ئالدىنقى يازمامدىكى 7 ئادەتنىڭ ئىچىدىكى 2-ئادەتتە كۆرسىتىلگەن ئىشلارنى ئوبدان قىلىشىڭىز كېرەك. ئەگەر ئۇنداق قىلمىسىڭىز، سىز ئۆزىڭىز ئۈچۈن قايسى ئىشلار مۇھىم ئىشلار، قايسى ئىشلار جىددىي ئىشلار ئىكەنلىكىنى پەرقلەندۈرەلمەيسىز.

بىرىنچى رەسىمدىكى ماترىتسا سىز ۋاقىت سەرپ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى 4 كاتېگورىيىگە ئايرىپ بېرىدۇ. بىرىنچى كۇئادراتتىكى ئىشلار ھەم جىددىي ھەم مۇھىم ئىشلار بولۇپ، ئۇلار سىز چوقۇم قىلمىسىڭىز بولمايدىغان ئىشلاردۇر. بۇ ئىشلارنى قىلىش ئارقىلىق سىز كۆزلىگەن نىشانغا يېقىنلىشالايسىز ياكى ئۇنىڭغا يېتەلەيسىز. شۇڭا ئۇلار مۇھىم ئىشلار. سىز بۇ ئىشلارنى مەلۇم بىر ۋاقىت ئىچىدە قىلىپ بولمىسىڭىز بولمايدۇ. شۇڭا ئۇلار جىددىي ئىشلار. مەسىلەن، بۇ يىل يازدا ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىش.

سىز ئۆزىڭىزنىڭ ۋاقتىنى قالغان 3 كۇئادراتقا قانداق تەقسىم قىلىش مەسىلىسىدە ئوبدان ئويلانمىسىڭىز بولمايدۇ. كۆپ ساندىكى كىشىلەر «جىددىي» دېگەن ئۇقۇمنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن 3-كۇئادراتقا ئاسانلا كىرىپ قالىدۇ. لېكىن، بۇ كۇئادراتتىكى ئىشلار سىزنىڭ ۋاقتىڭىزنى يېگەن بىلەن سىزنىڭ كۆزلىگەن نىشانىڭىزغا يېتىشىڭىزگە ھېچ بىر تۆھپە قوشمايدۇ. ئىشنى يۇقىرى ئۈنۈم بىلەن قىلىدىغان كىشىلەر ئۆزلىرى ئۈچۈن ئەڭ پايدىلىق ئىشلارنىڭ 2-كۇئادراتتا ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ. پىلانلاش، تەييارلىق قىلىش، ئالدىنى ئېلىش، مۇناسىۋەت ئورنىتىش، كىتاب ئوقۇش، كەسپىي بىلىمىنى كېڭەيتىش، ۋە جىسمانىي جەھەتتىن چېنىقىش قاتارلىقلار مۇشۇ كۇئادراتتىكى ئىشلارنىڭ بىر قىسىم مىساللىرىدۇر.

سىز ئۆزىڭىزنىڭ كۆڭۈل تۇيغۇسى ئاساسىدىلا 2-كۇئادراتتىكى ئىشلارنىڭ كۆرۈنەرلىك نەتىجە قازىنىشتا ھالقىلىق رول ئوينايدىغان ئىشلار ئىكەنلىكىنى بىلىسىز. لېكىن، بۇ كۇئادراتتىكى ئىشلاردىن ھەقىقىي تۈردە پايدىلىنىش ئۈچۈن، سىز ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزدە 1- ۋە 2-ئادەتنى ئوبدان يېتىلدۇرىشىڭىز كېرەك. يەنى، ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزدە 3- ۋە 4-كۇئادراتتىكى ئىشلارغا «ياق» دەيدىغان بىر كۈچلۈك كىشىلىك خارەكتېرنى يېتىلدۈرىشىڭىز، ھەمدە ئۆزىڭىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم ئىشلارنى تولۇق ۋە توغرا بايقاپ چىقىشىڭىز كېرەك. ئۇنداق قىلمىسىڭىز يۇقىرىقى 4 كۇئادرات مەۋجۇد بولمايدۇ.

مەن ئۆزۈم ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم ئىشلارنىڭ بىر قىسمىنى 70-يىللاردا ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدىلا ئويلاپ چىققان بولۇپ، ئۇلار: (1) دۇنيادا قانچىلىك ئوقۇش بولسا ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئوقۇش، (2) ئۆزۈمنىڭ ئىقتىسادىي تەقدىرىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىش، (3) بىر بەختلىك ئائىلە قۇرۇشتىن ئىبارەت 3 ئىش ئىدى. بۇ قېتىم مۇشۇ ماقالىنى يېزىۋېتىپ، 1986-يىلى مەن ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەپەندى بىلەن ياپونىيىدە بىرگە بولغاندا ئۇ كىشى ماڭا دېگەن مۇنداق بىر سۆز ئېسىمگە كېلىپ قالدى: «بىر ئەر كىشى ئۈچۈن مۇھىم نەرسىدىن ئۇچى بار: بىرىنچىسى بىلىم، ئىككىنچىسى پۇل، ئۈچىنچىسى بىر ياخشى خوتۇن.» يەنى، مەن ئۆزۈم ئۈچۈن ئويلاپ تاپقان مۇھىم ئىشلار بىلەن تەخمىنەن 15 يىلدىن كېيىن ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەپەندىدىن ئاڭلىغان مۇھىم ئىشلار بىر-بىرسىگە يېقىن چىقىپتۇ. مەن بۇ ئىشلارنى ئويلاپ ئۆز-ئۆزۈمدىن ھاياجانلىنىپ، شۇ كۈنى ئاخشىمى بىر قانچە سائەت ۋاقىت ئۇخلىيالماي قالدىم.

بىزگە سېمىنار بەرگەن مۇتەخەسسنىڭ ئېيتىشىچە، ئىشنى يۇقىرى ئۈنۈم بىلەن قىلىدىغان كىشىلەر 75% ۋاقتىنى 2-كۇئادراتقا، 20% ۋاقتىنى 1-كۇئادراتقا، پەقەت 5% ۋاقتىنىلا 3-كۇئادراتقا سەرپ قىلىدىغان بولۇپ، 4-كۇئادراتقا ئاساسەن ۋاقىت سەرپ قىلمايدىكەن.


3. ۋاقىت ماترىتساسى ــــ نەتىجە



يۇقىرىقى 4 كۇئادراتتىكى ئىشلار كەلتۈرۈپ چىقارغان نەتىجىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. مەن 2-رەسىمدە ھەر بىر كۇئادراتقا ماس كېلىدىغان نەتىجىلەرنىڭ مىساللىرىنى تىزىپ چىقتىم. ئوقۇرمەنلەرگە ئاسان بولسۇن ئۈچۈن، تۆۋەندە مەن 2-رەسىمدىكى نەرسىلەرنى يەنە بىر قېتىم تىزىپ چىقىمەن.

(1) مۇھىم ۋە جىددىي ئىشلار
كۈچلۈك بېسىم ھېس قىلىش
قاتتىق ھېرىپ كېتىش
ئەندىشىگە پېتىش
قىيىن مۇناسىۋەتلەرگە دۇچ كېلىش
سالامەتلىكى ناچارلىشىش

(2) مۇھىم ئەمما جىددىي ئەمەس ئىشلار
يىراقنى كۆرۈش
توغرا ھۆكۈم چىقىرىش
ئىشلارنى ياخشى باشقۇرۇش
ياخشى تەڭپۇڭلۇق ساقلاش
مۇناسىۋەت ۋە سالامەتلىكتە ياخشى بولۇش
خىزمەتتە ئۆسۈش

(3) مۇھىم ئەمەس لېكىن جىددىي ئىشلار
ئىشنى باشقۇرالماي قېلىش
تىت-تىت بولۇش ۋە چۈشكۈنلىشىش
خىزمەتتە چەكلىمىگە ئۇچراش
باشقىلار بىلەن سۈركىشىش
نارازىلىق قىلىش
باشقىلارنىڭ قۇربانى بولغاندەك ھېس قىلىش

(4) مۇھىم ئەمەس ھەمدە جىددىي ئەمەس ئىشلار
مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش
باشقىلارغا يۆلىنىۋېلىش
ۋاقىتقا ئىچ ئاغرىتىش
ئىش ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن پۇشايمان قىلىش




2-رەسىم: مۇھىم ئىشلار بىلەن جىددىي ئىشلارنى قىلىشتىن كېلىپ چىقىدىغان نەتىجىلەرنى چۈشەندۈرىدىغان تۆت كۇئادراتلىق ۋاقىت ماترىتساسى.
ئەگەر يۇقىرىقى تىزىملىكنى ئوبدان تەھلىل قىلىدىغان بولساق، مۇنداق بىر خۇلاسىگە كېلىمىز: 1-كۇئادراتتىكىسى زۆرۈر ئىشلار. 2-كۇئادراتتىكىسى ئۈنۈم بېرىدىغان ئىشلار. 3-كۇئادراتتىكىسى ئادەم گوللايدىغان، ئادەمنى قۇربان قىلىدىغان ئىشلار. 4-كۇئادراتتىكىسى بولسا ئىسراپچىلىق ھېسابلىنىدىغان ئارتۇقچە ئىشلار.

4. تۆت ناچار ئادەت ۋە 3 مۇھىم ئىش



مېنىڭ بۇ يازمىنى تەييارلىشىمغا، بۇ يىلنىڭ بېشىدا بىر توردىشىمىز بىلىك مۇنبىرىدە سورىغان مۇنداق سوئاللار تۇرتكە بولدى: «مەن قانداق قىلىمەن؟»، «بىز قانداق قىلىمىز؟». بۇ توردىشىمىزنىڭ سوراۋاتقىنى «بىز ئۇيغۇر مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىمىز؟» دېگەندىن ئىبارەت ئىدى. مەن بۇرۇنمۇ ئېيتىپ ئۆتكەندەك، بىر مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئۇ مەسىلىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى، ۋە ئۇنى نېمە كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىشقا توغرا كېلىدۇ. يۇقىرىقى سوئالنى كۆرگەندىن كېيىن، مەندە ھازىرقى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى بىر فورمۇلالاشتۇرۇپ بېقىش ئىستىكى تۇغۇلدى. مەن چەت ئەلگە چىققاندىن بۇيان، ئۆزۈم كۆرگەن، ئاڭلىغان، ۋە ئوقۇغان نەرسىلەر ئاساسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقىدەك بىر قىسىم ناچار پسىخىكا، روھىي ھالەت، مىجەز ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىدە قاچاندىن باشلاپ شەكىللىنىشكە باشلىغانلىقىنى، ھەمدە ئۇنىڭغا نېمە سەۋەب بولغانلىقىنى چۈشىنىشكە تىرىشىپ كەلدىم. ھەمدە يېقىندا بۇ مەسىلىلەر توغرىسىدا ئۆزۈم رازى بولغۇدەك بەزى چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولۇپ، ئۇلارنى ئالدىنقى يازمامدا ئازراق بايان قىلدىم. شۇڭا ئۇنى بۇ يەردە قايتا تەكرارلىمايمەن. ئەگەر بىز ھازىرقى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى ئەستايىدىل كۆزىتىپ باقىدىغان بولساق، باشقىلار ئەمەس ئۆزىمىز كەلتۈرۈپ چىقارغان، ھازىر ئۇيغۇرلارغا ناھايىتى ئېغىر زىيان يەتكۈزىۋاتقان چوڭ ناچار ئادەتلەردىن مۇنداق تۆتنى بايقىيالايمىز:
1) كىتاب ئوقۇماسلىق
2) بالا تەربىيىلەشكە ئەھمىيەت بەرمەسلىك
3) ئۆز-ئارا ئۇيۇشالماسلىق
4) پۇل-ۋاقىت بايلىقىنىڭ كۆپ قىسمىنى مېھماندارچىلىق بىلەن ئىسراپ قىلىش

تۆۋەندە مەن بۇ 4 ئادەتنىڭ ھەر بىرسى ئۈستىدە قىسقىچە توختىلىپ ئوتىمەن.

1) كىتاب ئوقۇماسلىق. بۇ ئىش توغرىسىدا كۆپ سۆزلىمىسەممۇ، ئۇ ھەممەيلەنگە ئايان. ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدا بىرسى بىر كىتاب يېزىپ ئېلان قىلسا، ئۇنىڭدىن ئاران 3 مىڭدىن 5 مىڭ دانىغىچە سېتىلىدىكەن. ئون مىليونغا يېقىن نوپۇسقا ئىگە بىر مەدەنىيەتلىك مىللەت ئۈچۈن بۇ بىر نومۇس قىلىدىغان ئىش. مەن بۇ مەسىلە توغرىسىدا ئىككى قېتىملىق يازما «سۆھبەت» تىمۇ بىر ئاز توختالغان. بۇ قېتىم بۇنىڭدىن كۆپ توختالمايمەن.

2) بالا تەربىيىلەشكە ئەھمىيەت بەرمەسلىك. ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ناخشا-ئۇسسۇلغا ماھىر ۋە ئامراق، ھەمدە ئويۇنخۇمار ۋە مېھماندوست مىللەت ئىكەنلىكى ھەممىگە ئايان. مەن بۇرۇنمۇ ئېيتىپ ئۆتكەندەك، ئەگەر ئۇيغۇرلار يوقاپ كېتىش تەھدىتىگە دۇچار بولماي، دۇنيادا بىر ئاز يۇز-ئابرويغا ئىگە ھالدا ياشاۋاتقان بىر مىللەت بولغان بولسا، يۇقىرىقى ئەھۋال ھەرگىزمۇ بىر ئەيىپلەشكە تېگىشلىك ئىش بولالمايتتى. لېكىن، ھازىرقى رېئاللىق ئۇنداق ئەمەس. ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان تەقدىرنىڭ قايسى دەرىجىدە ناچار ئىكەنلىكىنى بۇ يەردە دەپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق. ناخشا-ئۇسسۇل ۋە سورۇن پائالىيىتىنىڭ ھازىر ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە تۇتقان ئىنتايىن نامۇۋاپىق ئورنى ۋە ئويناۋاتقان زىيانلىق رولى توغرىسىدا يالقۇن رۆزى ئەپەندى ئۆزىنىڭ «بىز قانداقلارچە ناخشا-ئۇسسۇل مىللىتى ئاتىلىپ قالدۇق؟» دېگەن ماقالىسىدە ئەتراپلىق تەھلىل ئېلىپ بېرىپتۇ. بۇ ماقالە


http://www.meripet.com/Academy
دېگەن تور بېتىدە بار بولۇپ، مەن ئوقۇرمەنلەرگە ئۇنى بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىشنى تەشەببۇس قىلىمەن. ھازىر مەيلى ئۇيغۇر دىيارىدا بولسۇن ياكى چەت ئەلدە بولسۇن، نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ ئايىغى چىقماستىلا ئۇسسۇل ئويناشنى دوراشنى باشلىغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇشاللىنىدۇ، ھەمدە ناھايىتى پەخىرلىنىدۇ. شۇنداق، بالىڭىزنىڭ ئەڭ كۆپ كۆرۈدىغىنى سىزنىڭ ۋە باشقا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇسسۇل ئوينىشى بولغاندىكىن، بالىڭىزنىڭ ئەڭ كۆپ ئاڭلايدىغىنى سىزنىڭ "ئويناڭ بالام ئويناڭ" دېگەن دەۋىتىڭىز بولغاندىكىن، بالىڭىزنىڭ بىرىنچى بولۇپ ئۆگىنىدىغىنى ئۇيغۇر ئۇسسۇلى بولىدۇ. ئاق تەنلىكلەر ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلارنىڭ ئورنىدا بالىلىرىغا ئاشۇنداق كىچىك يېشىدىلا قايسى ئىشنى ئۆگىتىدۇ، بىلەمسىز؟ كىتاب ئوقۇشنى! بەزى ئانىلار قورسىقىدىكى تېخى تۇغۇلمىغان بالىلىرىغا ئۈنلۈك ئاۋاز بىلەن كىتاب ئوقۇپ بېرىدۇ. ئامېرىكىدىكى ھەر بىر كىچىك شەھەرلەرگە سېلىنغان شەھەر كۇتۇپخانىلىرىغا بارسىڭىز، نۇرغۇن ئاق تەنلىك ئانىلارنىڭ 5 ياشتىن كىچىك بالىلىرىنى شۇ يەردە بېقىۋاتقانلىقىنى كۆرىسىز. بەزىلىرى بالىلىرىغا كىتابنى ئۆزى ئوقۇپ بېرىدۇ. بەزىلىرى بولسا كىتابنى بالىسىغا ئوقۇتۇپ، ئۆزى يېنىدا چۈشەندۈرۈپ ياكى خاتا كەتكەن يەرلىرىنى تۈزىتىپ بېرىپ قاراپ ئولتۇرىدۇ. ياپونلۇق ئانىلارنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى پەقەت ئىككى: بالا تەربىيىلەش ۋە ئېرىنى كۈتۈش. ئۇلاردا ئۇيغۇرلارنىڭكىدەك ئولتۇرۇش ئاساسەن يوق بولۇپ، ئۇ ئانىلار ئۆمۈر بويى ئولتۇرۇش ۋە مېھماندارچىلىققا ئاساسەن بېرىپ باقمايدۇ. ياپونلۇقلارنىڭ ھازىرقى ساپاسى بىلەن مىللىي روھىي مانا مۇشۇنداق بارلىققا كەلگەن. سىز بالىڭىزغا كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپلا ئۇسسۇل ئويناشنى ئۆگەتسىڭىز بالىڭىز ئۇسسۇلغا ۋە باشقا ئويۇنغا ئامراق، ئۇلاردىن ئىنتايىن ھوزۇرلىنىدىغان بولۇپ چوڭ بولىدۇ. توپ ئويناشنى ئۆگەتسىڭىز توپقا ئامراق ۋە ئۇنىڭدىن ھۇزۇرلىنىدىغان بولۇپ چوڭ بولىدۇ. كىتاب ئوقۇشنى ئۆگەتسىڭىز بىر كۈن كىتاب ئوقۇمىسا تۇرالمايدىغان، بىر ئاز كىتاب ئوقۇمىسا ئاخشىمى ئۇخلىمايدىغان بولۇپ چوڭ بولىدۇ. ئويلاپ بېقىڭ: ئاخىرىدا قايسى خىلدا چوڭ بولغان بالا ئۇتۇپ چىقىدۇ؟ مەن 2006-يىلى ۋە 2007-يىلى يۇرتقا تۇغقان يوقلاشقا بارغاندا، تېلېۋىزوردا كىچىك بالىلارنىڭ ئۇسسۇل ئويناش ۋە ناخشا ئېيتىش مۇسابىقىسىنى كۆپ قېتىم كۆرۈپ قالدىم. ئاشۇنىڭغا ئوخشاش بىلىم مۇسابىقىسىمۇ بارمۇ؟ بۇ بالىلارنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئۆگىنىۋاتقان ئۇسسۇل بىلەن ناخشىلىرى يېتىشمەمدىكەن؟ 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا باشلانغان بىر دەۋرنى خەلقئارادا «سانائەت دەۋرى» دەپ ئاتايتتى. ھازىرقى دەۋرنى بولسا «بىلىم ئىشچىلىرى دەۋرى» (ئىنگلىزچە «knowledge worker age») دەپ ئاتايدۇ. ئۇيغۇرلار قايسى دەۋەردە ياشاۋاتىدۇ؟ «مېھماندارچىلىق سورۇن دەۋرى» دە دېسەك توغرا بولامدۇ؟ ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، ھازىر مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئاتا-ئانىلارنىڭ ئولتۇرۇش-مېھماندارچىلىق ئۈچۈن سەرپ قىلىدىغان ۋاقتى كىشىنى چۆچۈتىدىغان دەرىجىدە كۆپ بولۇپ، بۇ ھادىسىنى مۇۋاپىق تەسۋىرلەش ئۈچۈن مەن ھازىر «قالاقلىق» دېگەن سۆزدىن باشقا سۆز تاپالمىدىم. ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئۆزلىرىنىڭ بوش ۋاقىتلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى بالا تەربىيىسى ئۈچۈن سەرپ قىلىدىغان ئاتا-ئانىلار ئىنتايىن ئاز.

ناخشا-ئۇسسۇل ئىنسانلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىدىغان بىر نەرسە، لېكىن ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئۆز مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ قېلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان بىر نەرسە ئەمەس. شۇنداق بولغاچقا، ئۇيغۇرلاردىن ناخشا-ئۇسسۇل چولپانلىرى كۆپلەپ چىقسا، ھەمدە بۇ چولپانلار پۈتۈن دۇنياغا يۈزلەنسە، ئۇلار ئۇيغۇرنى دۇنياغا تونۇتالىشى ھەقىقەتەن مۇمكىن. ھەمدە نۆۋەتتە ئۇيغۇرنى دۇنياغا تونۇتۇشمۇ ناھايىتى مۇھىم. لېكىن ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيادىكى قىممىتى ۋە ئورنىنى ئۆستۈرۈپ بېرەلمەيدۇ. كۆپىنچە ئەھۋالدا بىر مىللەتنى پۈتۈن دۇنيا تونۇغان بىلەن، ئۇنىڭ باشقىلار ئالدىدا ئېتىبارغا ئىگە بولۇشى، ياكى باشقىلار تەرىپىدىن قەدىرلىنىشى ناتايىن. مەسىلەن، سىگانلارنى پۈتۈن دۇنيا تونۇيدۇ، لېكىن ئۇلارنى ھېچ كىم كۆزگە ئىلمايدۇ. ئەرەپ دۆلەتلىرى ئىچىدە دۇنيا بويىچە ئەڭ بايلىرىدىن بىر قانچىسى بولغىنى بىلەن، ئۇلارنىمۇ غەرب ئەللىرى ئانچە كۆزگە ئىلمايدۇ. سەۋەبى ئۇلاردا پۇل بولغىنى بىلەن، نۆۋەتتىكى ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقۇدەك قۇدرەت يوق. ياپونلۇقلار نۇرغۇن ياخشى نەرسىلەرنى ئىشلەپ چىقىرىدۇ. شۇڭا دۇنيا ئۇلارنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قىلىدۇ. يەھۇدىيلار بىر كىچىك مىللەت بولغىنى بىلەن، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھازىر ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا زور تۆھپە قوشۇۋاتقانلار ناھايىتى كۆپ. شۇڭا غەرب ئەللىرى ئۇلارنى خېلى ئەتىۋارلايدۇ (يەھۇدىيلارنىڭ ئىنتايىن ناچار تەرەپلىرى، ھەتتا ئىنسانلارغا قىلغان جىنايى ئىشلىرىمۇ خېلى كۆپ، لېكىن ئۇلار مەن بۇ يەردە ئىلگىرى سۈرمەكچى بولغان ئىدىيە بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولغاچقا، ئۇلار ئۈستىدە توختالمايمەن). نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ئاستىدا، ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىنىڭ ناخشا-ئۇسۇل ۋە سورۇن پائالىيىتىگە بولغان قىزىقىشىنىڭ دەرىجىسى تۆۋەنلىتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئۇلارنىڭ كىتابقا بولغان قىزىقىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئۇيغۇرلارنى دۇنياغا تونۇتۇش ۋە ئۇنىڭ دۇنيادىكى قىممىتىنى ئۆستۈرۈشكە قارىغاندا، ئوز مەۋجۇدلۇقىنى ساقلاپ قېلىش ئۇچۇن تېخىمۇ بەكرەك زورۇردۇر.

مەن ئۇيغۇر ئولتۇرۇشى مەسىلىسى ئۈستىدە بۇرۇنمۇ ئازراق توختالغان. قىزىقىدىغانلار ئۇنى تۆۋەندىكى تور بېتىدىن كۆرسە بولىدۇ (يازما سۆھبەت 2-قىسىم 12-سوئالنىڭ جاۋابى):


http://www.bilik.cn/bbs/viewthread.php?tid=2916&extra=&page=5

3) ئۇيۇشالماسلىق. مەن ئالدى بىلەن ئوقۇرمەنلەرنى مەمەتئېلى زۇنۇن ئەپەندىنىڭ «قوش مەسچىت» دېگەن ئەسىرىنى بىر ئوقۇپ بېقىشقا چاقىرىمەن. ئۇ ماقالىنىڭ تور ئادرېسى:

http://www.bilik.cn/dpindex.php?pagetype-bbsthread-a-tid-17004.html

مەن بۇنىڭدىن 6-7 يىل ئىلگىرى، بىر غەرپلىك تارىخشۇناس يازغان ئىنگلىز تىلىدىكى تارىخ كىتابىنى ئوقۇغان ئىدىم. بۇ كىتابتا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ 1912-يىلىدىن 1949-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى تارىخى يېزىلغان ئىكەن. مېنىڭ شۇ كىتابنى ئوقۇپ ئېسىمدە قېلىشىچە، ئاشۇ مەزگىلدە ئۇيغۇر دىيارىدا مۇقىم تۇرغان گومىنداڭ ئەسكەرلىرىنىڭ سانى 30 مىڭدىن ئاشمايدىكەندۇق (ئەگەر مېنىڭ ئېسىمدە قالغىنى خاتا بولغان بولسا، توغرىسىنى بىلىدىغانلار مۇشۇ يازمىنىڭ ئاخىرىسىدا ئەسكەرتىپ قويغان بولسا). مەن كىتابنى ئوقۇپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ئىنتايىن ھەيران بولغان ئىدىم: 30 مىڭ ئەسكەر قانداق قىلىپ نەچچە مىليون ئۇيغۇر خەلقىنى شۇنچە ئۇزاق بېسىپ تۇرالىغاندۇ؟ مېنىڭ كېيىن چۈشىنىشىمچە، گومىنداڭ ئەسكەرلىرىنىڭ ئاشۇنداق قىلالىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرسى، يۇقىرىقى «قوش مەسچىت» دېگەن ئەسەردە بايان قىلىنغان، بىرلىشىپ دۈشمەنگە قارشى تۇرماي، ئۇنىڭ ئورنىغا «ئۇ سېمىز، مەن ئورۇق» دەپ ئۆز-ئارا پاش قىلىشىپ، ئۆز-ئارا ئورا كولىشىپ، ئۆز-ئارا قەستلىشىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ھەممىسى تەڭ ھالاك بولغانلىقى ئىكەن. ئۇيغۇرلاردىكى ئۆز-ئارا ئۇيۇشالماسلىق، بىرلىشىپ بىر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالماسلىق ئەھۋالى ھازىرمۇ ئىنتايىن ئېغىر. بۇ ئەھۋال ئۇيغۇر دىيارىدىمۇ، چەت ئەلدىمۇ ئوخشاشلا مەۋجۇد، بۇ ناچار ئادەت ئۈچۈن ئۇيغۇرلار ھازىرمۇ ئىنتايىن ئېغىر بەدەل تۆلەۋاتىدۇ.

4) پۇل-ۋاقىت بايلىقىنى مېھماندارچىلىق بىلەن ئىسراپ قىلىش. بۇ ناچار ئادەت توغرىسىدا شەبنەم مۇنبىرىدىكى «تويۇڭنى چوڭ قىلغىچە، غېمىڭنى چوڭ قىل» دېگەن ماقالە بىلەن يۇقىرىقى «بىز قانداقلارچە ناخشا-ئۇسسۇل مىللىتى ئاتىلىپ قالدۇق؟» دېگەن ماقالىدا يېتەرلىك مەزمۇنلار بار ئىكەن. ئالدىنقى ماقالىنىڭ تور ئادرېسى:


http://bbs.xabnam.com/read.php?tid-49315.html

شۇڭا مەن بۇ مەسىلىدە كۆپ توختالمايمەن. مېنىڭچە ئۇيغۇرلارنىڭ پۇل بىلەن ۋاقىتنى سورۇن پائالىيىتىگە ھازىرقىدەك سەرپ قىلىشى، «ناچار ئادەت» دەرىجىسىدىن ئاللىقاچان ئېشىپ، «يۇقىرى دەرىجىلىك قالاقلىق» دەرىجىسىگە بېرىپ يەتتى، دېسىمۇ ئارتۇقچىلىق قىلمايدۇ. ئاتا-ئانىلارنىڭ پۇلى بىلەن ۋاقتى ئاساسەن سورۇن پائالىيەتلىرى بىلەن تۈگىگەنلىكتىن، بالىسىنى ياخشى تەربىيىلەشكە ۋاقتى بىلەن پۇلى يوق، ئۆزى كىتاب ئېلىپ ئوقۇيدىغانغىمۇ ۋاقىت بىلەن پۇلى يوق، بالىلىرىمۇ ياخشى تەربىيە كۆرەلمەي، ئۆزلىرىمۇ «ھەرىنى بىلەپ تۇرۇش» ئىشى بىلەن شۇغۇللىنالمايۋاتىدۇ. بۇ بىر يامان سۈپەتلىك ئايلىنىش جەريانىغا ئايلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ قېلىشىغا مۆلچەرلىگۈسىز زىيانلارنى ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ. تەرەققىي تاپقان مىللەتلەردە ھەممىدىن بەك ئومۇملاشقان ئادەت كىتاب ئوقۇش ئادىتىدۇر. سورۇن مەدەنىيىتى ئەمەس. ئامېرىكىنىڭ پرېزىدېنتى، پارلامېنت ئەزالىرى، بىلل گايتىسكە ئوخشاش كارخانا چولپانلىرى، سپورت چولپانلىرى، كىنو چولپانلىرى، ۋە سەنئەت چولپانلىرىنىڭ كۆپلىرى مۇددەتلىك ھالدا يەسلى، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە بېرىپ، ياش-ئوسمۈرلەرگە كىتاب ئوقۇپ بېرىپ، ئۆز خىزمىتى ۋە كەسپى توغرىسىدا سۆزلەپ بېرىپ، ئۇلارنى كىتابنى كۆپ ئوقۇپ، ئىلىم-پەننى ياخشى ئۆگىنىپ، كەلگۈسىدە ئۆزلىرىدەك ئادەم بولۇپ چىقىشقا قىزىقتۇرىدۇ. بىزنىڭ ئىدارىمۇ ھەر ئايدا نەچچە قېتىم ئەتراپتىكى باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردىن كەلگەن ئېكىسكۇرسىيەچىلەرنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارغا كائىنات بىلىملىرى ۋە كائىناتنى تەكشۈرۈش تېخنىكىسى توغرىسىدا بىلىم سۆزلەپ، ئۇلارنى كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپلا تەبىئىي - پەن ۋە ئېنژېنىرلىك كەسىپلىرىگە قىزىقىدىغان قىلىشقا يېتەكلەيدۇ. مەن ئەمدى بۇنىڭدىن كۆپ گەپ قىلماي. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئەھۋالىغا ئۆزىڭىز قاراپ بېقىڭ.

ئەگەر بىز باشقىلار كەلتۈرۈپ چىقارغان تەسىر ۋە ئۆزگىرىشلەرنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ، پەقەت ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان نۆۋەتتىكى ئەھۋالنى ئوبدان كۈزىتىدىغان بولساق، يۇقىرى سۈپەتلىك لىدېرلارنىڭ كەملىكى ۋە ساپانىڭ تۆۋەنلىكىدىن، ئۇيغۇرلار مىللىي روھنىڭ باشقا نۇرغۇن نەرسىلەردىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتەلمەيۋاتقانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن مىللىي مەدەنىيەت، مىللىي ئۆرپ-ئادەت، ئەخلاق،، تىل ۋە دىن قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مىللىي كىملىكنىڭ ناھايىتى ئېغىر دەرىجىدە تەھدىتگە دۇچ كېلىشىگە بىلىپ-بىلمەي يول قويۇپ بېرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلالايمىز. شۇڭا مەن ئۇيغۇرلارنىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان 4 ناچار ئادەتنى يوقىتىپ، بۇنىڭدىن كېيىن قۇدرەت تېپىشى ئۈچۈن قىلىشىغا تېگىشلىك ئىشلاردىن تۆۋەندىكى 3 ئىشنى ھېس قىلدىم:


مىللىي ساپانى ئۆستۈرۈش، مىللىي روھنى ئۇرغۇتۇش، ۋە مىللىي كىملىكنى ساقلاپ قېلىش



بۇ ئىشلار «بىز قانداق قىلىمىز» دېگەن سوئالغا جاۋاب بولىدىغان، يۇقىرىقى ۋاقىت ماترىتساسىنىڭ 2-كۇئادراتىغا تەۋە بولغان مۇھىم ئىشلاردۇر. مەن ھەر بىر ئوقۇرمەنلەردىن يۇقىرىقى 4 ناچار ئادەت بىلەن 3 مۇھىم ئىشنى ھەر ۋاقىت ئېسىدىن چىقارماسلىقىنى سورايمەن. مەن ئەسلىدە يۇقىرىقى 3 مۇھىم ئىشقا «زامانغا ماسلاشقان ئالىي سۈپەتلىك لىدېرلارنى يىتىلدۇرۇش» دېگەن 4-ئىشنى قوشۇشنى پىلانلىغان ئىدىم. كېيىن ئويلاپ باقسام، مىللەتنىڭ ساپاسى ئۆسۈپ، مىللىي روھى ئۇرغىسا، ھەمدە لىدېر ۋە داھىي يېتىشىپ چىقىش ئۇچۇن زۆرۈر بولغان شەرت-شارائىت پىشىپ يېتىلسە، ئۇنىڭدىن تەبىئىي ھالدا بىر قىسىم ئالىي سۈپەتلىك لىدېرلارمۇ چىقىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇنى بىر ئايرىم ئىش قاتارىغا كىرگۈزمىدىم.

5. ئۇيغۇر ياشلىرىغا تەكلىپ



ھىندىستاننىڭ ھەمدە ھىندىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ دۇنياغا مەشھۇر داھىيسى ماھاتما گەندى مۇنداق دەيدۇ: «بىز قىلىۋاتقان ئىشلار بىلەن بىز قىلالايدىغان ئىشلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرق دۇنيا مەسىلىلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ھەل قىلىۋېتەلەيدۇ.» بۇ سۆز ماڭا نىسبەتەن خۇددى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دىيىلگەندەكلا تۇيۇلدى. يەنى، ئەگەر بىز ھازىر قىلىۋاتقان ئىشلار بىلەن قىلالايدىغان ئىشلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى تېپىپ چىقىپ، شۇ تېپىپ چىققان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلساق، بىزنىڭ ھەممە مەسىلىلىرىمىز ھەل بولۇپ كەتكەن بولاتتى. بۇ يازمىدا ھازىرغىچە بايان قىلغان نەرسىلەرنى ئىككى ئېغىز سۆزگە يىغىنچاقلاش مۇمكىن: مەركەزلەشتۈرۈش ۋە ئىجرا قىلىش. مەركەزلەشتۈرۈش دېگىنىمىز بارلىق دىققىتىمىزنى «مۇھىم ئىشلار» غا مەركەزلەشتۈرۈش بولۇپ، «ئىجرا قىلىش» دېگىنىمىز ئاشۇ مۇھىم ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت. مەن يۇقىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى 4 چوڭ ناچار ئادىتى بىلەن 3 چوڭ مۇھىم ئىشىنى كۆرسىتىپ ئۆتتۈم. بۇ ناچار ئادەتلەرنى تۈگىتىپ، مۇھىم ئىشلارنى تەدرىجىي ھالدا ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ستراتېگىيىسى بولۇشى كېرەك. لېكىن، ئېنىق ستراتېگىيەنىڭ بولۇشى بىر ئىش، ئۇنى ئەمەلىيەتتە ئىجرا قىلىش ۋە ئەمەلگە ئاشۇرۇش يەنە بىر ئىش. يۇقىرىقى نەرسىلەرنى مەن دېمىسەممۇ بىلىدىغانلار ناھايىتى كۆپ. بىزنىڭ بۇرۇن ئوتكەن دانىشمەنلىرىمىز ئىچىدە بۇنداق ستراتېگىيىنى تەپسىلىي ئويلاپ چىققان ۋە ئوتتۇرىغا قويغانلاردىنمۇ كۈرمىڭ تولا. ھازىرقى گەپ، «بىر ئىشنى بىلىپ ئۇنى قىلماسلىق، ئۇنى بىلمىگەنلىك بىلەن باراۋەر» دىن ئىبارەت بولۇپ قېلىۋاتىدۇ.

يۇقىرىقى ناچار ئادەتلەرنى تاشلاپ، مۇھىم ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن خېلى ئۇزۇن بىر مەزگىل ۋاقىت كېتىدۇ. بۇ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئۇيغۇر ياشلىرى باشلامچى بولۇشى كېرەك. ھەمدە ئىشنى ھازىر ئەمدى تۇغۇلۇۋاتقان ۋە يېشى كىچىك بالىلاردىن باشلاش كېرەك. مەن ھەر بىر كىشىنىڭ ئۆز-ئۆزىدىن مۇنداق بىر سوئالنى سوراپ بېقىشىنى سورايمەن: «ھازىردىن باشلاپ مەن سورۇن پائالىيىتىمنىڭ يېرىمى تاشلاپ، ئۇنىڭدىن ئىقتىساد قىلغان ۋاقىتنى بالا تەربىيىلەشكە ۋە كىتاب ئوقۇشقا ئىشلىتەلەيمەنمۇ؟» مەن بۇ يەردە تەكلىپ تەرىقىسىدە ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپ ئانچە يۇقىرى ئەمەس. مەن پەقەت بوش ۋاقتىڭىزنىڭ ئىچىدىكى سورۇن پائالىيەتلىرىگە ئىشلىتىۋاتقان ۋاقتىڭىزنىڭ يېرىمىنىلا بالا تەربىيىسى ۋە كىتاب ئوقۇشقا ئىشلىتىپ سىناپ بېقىڭ، دېدىم. ئالدى بىلەن مۇشۇنى ئۆلچەم قىلىپ تۇرۇپ ئىش باشلىسىڭىز، مېنىڭچە چوقۇم ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيسىز. ئۇزۇن مۇددەت نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بىز بۇنىڭدىن كېيىنكى بالىلارنى سورۇنغا ئامراق ئەمەس، كىتابقا ئامراق قىلىپ يېتىلدۈرىشىمىز كېرەك. شۇنداق قىلالىساق، بىز ھازىرقى ئۇيغۇر مەسىلىلىرىنىڭ نۇرغۇنلىرىنى ھەل قىلالايمىز.

مېنىڭ ھەر بىر ئۇيغۇر ياشلىرىغا بېرىدىغان تەكلىپىم مۇنداق: ئالدىنقى يازمامدا تونۇشتۇرغان، ئىشنى يۇقىرى ئۈنۈم بىلەن قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ 7 ئادىتىنى ۋە ئىنسان تەبىئىتىنىڭ 4 قىسمىنى بىر قەغەزگە يېزىپ، ئۇنى ئۆيىڭىزدىكى توڭلاتقۇنىڭ ئىشىكىگە چاپلاپ قويۇڭ. ئەگەر مۇمكىن بولسا ئاشۇ 11 نەرسىنىڭ ھەر بىرسىنىڭ ئاستىغا بىردىن سىز بۇنىڭدىن كېيىن قىلىپ مېڭىشنى ئارزۇ قىلغان ئىشنى يېزىپ قويۇڭ. ئۇنىڭدىن باشقا، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان 4 ناچار ئادەت بىلەن 3 مۇھىم ئىشنى، ھەمدە مۇشۇ 3 مۇھىم ئىش دائىرىسىدە سىز قىلالايدىغان ئىشلارنىمۇ يەنە بىر ۋاراق قەغەزگە يېزىپ، توڭلاتقۇنىڭ ئىشىكىگە چاپلاپ قويۇڭ. شۇنداق قىلسىڭىز، ھەر قېتىم سىز توڭلاتقۇنى ئاچقاندا، بۇ 7 ئادەت، 4 ئۆلچەم ۋە سىز ئارزۇ قىلغان ئىشلارنى ئەسلەپ تۇرىسىز. شۇ ئارقىلىق سىز ناھايىتى ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيسىز.


6. ئاخىرقى سۆز



مەن بىلىۋال تور بېتى بىلەن ئۆتكۈزگەن يازما سۆھبەتنىڭ بىر يېرىدە، دۇنياغا داڭلىق بىر ئەربابنىڭ مۇنداق بىر جۈملە سۆزىنى تىلغا ئالغان ئىدىم: «ۋاقىتنى سېكونت بويىچە ھېسابلايدىغان ئادەمنىڭ ۋاقتى، ۋاقىتنى مىنۇت بويىچە ھېسابلايدىغان ئادەمنىڭ ۋاقتىغا قارىغاندا 60 ھەسسە كۆپ بولىدۇ.» بۇ سۆز پايدىلىنىشقا بولىدىغان ۋاقىتلارنىڭ ھەممىسىدىن پايدىلىنىشقا قارىتىلغان. مەن ئاشۇ سوھبەتنىڭ يەنە بىر يېرىدە، ئادەم بىر ئىشنى قىلىپ چارچىغاندا، ئۇ ئىش بىلەن مۇناسىۋەتسىز باشقا بىر ئىشنى قىلسا، يەنىلا ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى، شۇ ئارقىلىق ۋاقىت ئىسراپچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئىدىم. مەن بىلەن ئېلخەت ئارقىلىق ئالاقىلاشقانلارنىڭ خېلى كۆپ قىسمى مۇشۇ ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ ناھايىتى ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپتۇ. مەن ئۇشبۇ يازمامدا بولسا، ئاشۇ ۋاقىتلاردىن قانداق پايدىلانغاندا قىلغان ئىشىنى يۇقىرى ئۈنۈمگە ئېرىشتۈرگىلى بولىدىغانلىقى ئۈستىدە توختالدىم. يەنى، مەن ھازىرغىچە ۋاقىت توغرىسىدا توختالغان مەسىلىلەر مۇنۇلاردىن ئىبارەت: 1) پايدىلىنىشقا بولىدىغان ۋاقىت مىقدارىنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە كۆپەيتىش ئۇسۇلى. 2) تاپقان ۋاقىتنىڭ ھەممىسىدىن پايدىلىنىش ئۇسۇلى. 3) ئۇ ۋاقىتلارنى يۇقىرى ئۈنۈمگە ئېرىشتۈرۈش ئۇسۇلى. بۇ ئاخىرقى مەسىلىگە بىرلەشتۈرۈپ، مەن يەنە ئادەم بىر ئىش قىلغاندا سائەتنى ئويلىماي، كومپاسنى ئويلاشنىڭ ناھايىتى پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم.

ئىنگلىز تىلىدا ناھايىتى كۆپ ئىشلىتىلىدىغان «priority» دېگەن بىر سۆز بار. ئۇنىڭ مەن ئەڭ كۆپ ئۇچرىتىدىغان ئىككى مەنىسى بار بولۇپ، ئۇنىڭ بىرسى «ئىشنىڭ مۇھىملىق دەرىجىسى، مۇھىملىق تەرتىپى»، يەنە بىرسى بولسا «قىلىدىغان مۇھىم ئىشلار». مەسىلەن، بەزىدە ماڭا بىزنىڭ ئىدارىدىكى 3-4 باشلىقتىن تەڭلا ئوخشىمىغان ۋەزىپىلەر چۈشىدۇ. مەن ھېچ ئىشنى باشلىماي تۇرۇپ، ئۆز باشلىقىمغا بىر ئېلخەت يېزىپ، ئۇنىڭدىن «بۇ ئىشلارنىڭ مۇھىملىق تەرتىپى قانداق؟» دەپ سورايمەن. بۇ دېگىنىم ئەمەلىيەتتە قايسى ئىشنى ئەڭ ئالدىدا قىلىمەن، ئۇنىڭدىن كېيىن قايسىنى قىلىمەن، ... دېگەندىن ئىبارەتتۇر. ئىشنى شۇ بويىچە قىلسام، مېنى باشقا باشلىقلار ئاۋارە قىلالمايدۇ. ئۇلاردىن بىرەرسى مېنى ئىزدەپ كېلىپ، «مېنىڭ ئىشىم پۇتتىمۇ؟» دەپ سورىسا، مەن ئۇنىڭغا «ياق. مېنىڭ تىزىمىمدا سېنىڭ ئىشىڭ 3-ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇڭا ئەگەر ئالدىرىساڭ، باشلىقىمنى ئىزدە. ئۇ سېنىڭ ئىشىڭنىڭ مۇھىملىق تەرتىپىنى ئالدىغا سۇرۇپ بەرسۇن.» دەپ جاۋاب بېرىمەن. بۇ يۇقىرىقى سۆزنىڭ 1-مەنادا ئىشلىتىلىشىدۇر. ئۇنىڭدىن باشقا، ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئىش باشلاشتىن بۇرۇن، مەن ئۆزۈمدىن: «مەن بۈگۈن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار قايسىلار؟ ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى مېنىڭ 1-، 2- ۋە 3-مۇھىم ئىشلىرىم قايسىلار؟» دەپ سورايمەن. دەم ئېلىش كۈنلىرىمۇ ھەم شۇنداق. «مېنىڭ 1-مۇھىم ئىشىم» دېگەننى ئىنگلىزچىدا «my first priority» دەپ ئاتايدۇ. مەن ياشاۋاتقان مۇھىتتا، يەنى ئىدارەمدە، ئۆيۈمدە، مەن كۆرىدىغان كىنولاردا، مەن ئاڭلايدىغان رادىئودا ۋە مەن ئوقۇيدىغان ماتېرىياللاردا بۇ «priority» دېگەن سۆز بەك كۆپ ئۇچرايدۇ. بۇ سۆزنىڭ ئاشۇنداق كۆپ ئىشلىتىشى مەن بۇ قېتىم توختالغان ۋاقىتتىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئادەم قىلماقچى بولغان ئىشلىرىنى ئاشۇنداق مۇھىملىق تەرتىپىگە ئايرىش ئارقىلىق، جىددىي ھالەتكە كىرىپ قېلىشتىن ساقلىنىپ، قىلغان ئىشلىرىنى يۇقىرى ئۈنۈمگە ئېرىشتۈرەلەيدۇ. شۇڭا مەن بۇ يازمىنى ئوقۇغان ھەر بىر ئوقۇرمەننىڭ بۇ ئۇسۇلنى سىناپ بېقىشىنى سورايمەن. ئەگەر بۇرۇنقى ئۇيغۇرلار مىللەت ساپاسى، روھى ۋە مەۋجۇتلىقى قاتارلىقلارنى ۋاقىت ماترىتساسىنىڭ 2-كۇئادراتىغا كىرگۈزۈپ مۇئامىلە قىلغان بولسا، ئۆز مەۋجۇدلۇقىمىزنى قوغداش ۋەزىپىسى ھازىر 1-كۇئادراتقا كىرىپ قالمايتتى.

مىلادىدىن بۇرۇنقى 384-يىلىدىن 322-يىلىغىچە ياشىغان دۇنياغا مەشھۇر پەيلاسوپ «ئارىستوتېل»

(http://en.wikipedia.org/wiki/Aristotle) مۇنداق دېگەن: ئەگەر سىز ئۆز ھاياتىڭىزدا كۆزلىگەن مەقسەتكە يەتمەكچى بولسىڭىز، مۇنداق 3 ئاساسىي قەدەمنى چوقۇم بېسىشىڭىز كېرەك:
(1) مۇۋاپپەقىيەتلىك بولالايدىغانلىغىڭىزغا ئىشىنىڭ
(2) سىز ئۈچۈن «مۇۋەپپەقىيەت» نىڭ نېمە ئىكەنلىكىگە توغرا ئېنىقلىما بېرىپ چىقىڭ
(3) ئۆز تۇرمۇشىڭىزنى ئۇنىڭ ئۇتۇقى ئەتراپىغا ئورۇنلاشتۇرۇڭ
بۇ قەدەم-باسقۇچلار ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆز-ئۆزىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش، ئۆز-ئۆزىنى قوزغىتالىشىنىڭ سىرىدۇر. بىز ھەممىمىز ئۆز-ئۆزىمىزگە ھەيدەكچىلىك قىلىدىغان كىشىلەر بولۇپ، بىرەر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشتىكى قوزغاتقۇچى كۈچ ئۆزىمىزنىڭ ئىچكى دۇنياسىدىن كېلىشى كېرەك. پەقەت شۇنداق قىلىش ئارقىلىقلا بىز ئۆزىمىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغان ئىشنى، ھاياتىمىزدىكى ئەڭ مۇھىم ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرالايمىز.

بۇ ماقالىنى ھېچ كىمدىن رۇخسەت سورىماي، مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا باشقا توربەتلەردە ئېلان قىلسىڭىز بولۇۋېرىدۇ.

تەھرىرلىگۈچى: ياۋۇز (ئورخۇن ئۇيغۇر تارىخى تور بېتى http://www.orkhun.com دىن)
[ بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Yawuz ، ۋاقتى: 2008-4-6 22:05 ]

[ بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Yawuz ، ۋاقتى: 2008-4-7 21:44 ]

چوققا

تۇنجى ئىنكاسنى مەن يېزىپتىمەن. ياۋۇز ئەپەندى، ئەمدى PDF نى ئاستا ئىشلىسەك بولغۇدەك ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ يازمىلىرىنى توپلام قىلىپ قويمىساق بولمىدى.
ئالدىرىماي بىر ئوقۇي، ماۋۇ تېمىنىڭ ماۋۇزۇسدىنلا ماڭا يازغان تېمىدەك قىلىدۇ. ياتاق ئۆيۈمگە ۋاقىتنى بىھۇدە ئىشلارغا سەرپ قىلماسلىق ھەققدىكى بىر ھەدىسنى يوغان جازىلاپ قويغانىدىم. ۋاقىتنى بىھۇدە ئىشلارغا سەرپ قىلىش مەن قورقىدىغان ئىشلارنىڭ بىرى.

[ بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: DELL ، ۋاقتى: 2008-4-6 17:30 ]

بىلىك كۇلۇبىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن!

چوققا

نەقىل:
ئەسلى يوللىغۇچى: DELL ، ۋاقتى: 2008-4-6 17:24
تۇنجى ئىنكاسنى مەن يېزىپتىمەن. ياۋۇز ئەپەندى، ئەمدى PDF نى ئاستا ئىشلىسەك بولغۇدەك ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ ...
PDF نى ئەلۋەتتە ئىشلەيمىز، لېكىن سەل تەخىر قىلىڭ، ئەركىنكامنىڭ يەنە بىر ماقالىسى پات يېقىندا پۈتىدۇ شۇنى قوشۇپ بىراقلا ئىشلەيلى، ئۇنىڭغىچە بىكار ۋاقىتلىرىڭىزدا ئەركىنكامنىڭ ماقالىلىرىنى يىغىپ يەنە بىر تەكشۈرگەچ تۇرۇڭ، ھەر ھالدا بىر ئادەم تەكشۈرگەننى يەنە بىر ئادەم تەكشۈرسە تېخىمۇ توغرا ۋە ئىشەنچلىك بولىدۇ.

چوققا

بىر ئىشنى قىلىپ چارچىغاندا ، يەنە بىر ئىش بىلەن مەشخۇل بۇلۇش ئارقىلىق ۋاقىتنى ئۇبدان باشقۇرغىلى بۇلىدۇ .
................

چوققا

نەقىل:
ئەسلى يوللىغۇچى: Yawuz ، ۋاقتى: 2008-4-6 07:53 PM

PDF نى ئەلۋەتتە ئىشلەيمىز، لېكىن سەل تەخىر قىلىڭ، ئەركىنكامنىڭ يەنە بىر ماقالىسى پات يېقىندا پۈتىدۇ شۇنى قوشۇ ...
توغرا دەيسىز. بولسا ئەركىن سىدىق ئەپەندىمنىڭ ھەممە ماقالىلىرىنى يىغىپ، ئىملاسىنى راۋۇرۇس تەكشۈرۈپ (قارىسام، ئاساسلىقى لاتىنچە ئىپادىلىنىشتىن ئەرەبچە ئىپادىلىنىشقا ئالماشتۇرۇلغاندىكى مەسىلىلەر ئىكەن)، ئاندىن بىر PDF ئېلكىتاب قىلىپ ئىشلەپ چىقىدىغان ئىش بولسا، ئەڭ ئېسىل ئىشتىن بىرى بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا، ئاشۇ ئېلكىتابنى مۇشۇ ئۇيغۇر تور دۇنياسىنىڭ ھەممە بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە ئاپىرىپ تارقىتىۋەتكەنگىمۇ قولايلىق بولىدۇ. بىزدەكلەرنىڭ يىغىپ ساقلاپ، قايتا-قايتا ئوقۇشىمىزغىمۇ بەك ئاسانلىق تۇغدۇرغانلىق بولىدۇ (بىر قېتىم ئوقۇپ قويۇپلا ھەممىنى چۈشۈنۈپ كېتەلەيدىغانلار يوقتۇ؟)

ئەركىن سىدىق ئەپەندىمگە رەھمەت. قوللىرىڭىز ھارمىغاي، قەلىمىڭىز (كۇنۇپكا تاختىڭىز ) توختاپ قالمىغاي...

چوققا

TeX ناملىق بىر مەشھۇر بەت ياساش سىستېمىسى بار بولۇپ، ئۇ سىتەنفورد ئۇنۋېرىستېتىنىڭ كومپيۇتېر فاكۇلتېتى پىروفېسسورى دونالد كەنۇس (Donald Knuth) تەرىپىدىن لايىھەلەنگەن ۋە كودى يېزىلغان. (مېنىڭ بىلىشىمچە، بۇ سىستېما بىردىن-بىر ماتېماتىكا ۋە كومپيۇتېر كەسپىنىڭ دوكتۇرى ۋە پىروفېسسورى تەرىپىدىن لايىھەلەنگەن، تۈزۈلگەن ۋە كودى يېزىلغان ۋە سىتەنفورد ئۇنۋېرىستېتىنىڭ كومپيۇتېر فاكۇلتېتىدىن چىققان بەت ياساش سىستېمادۇر. يەنى گۇگىلنىڭ قۇرغۇچىلىرى لارى پېيج ۋە سېرگېي برىنلارنىڭ ئۇستازى، پىروفېسسورى تەرىپىدىن لايىھەلىنىپ ياسالغان. دوكتۇر پىروفېسسور كەنۇسمۇ مۇشۇ سەۋەپتىن ئامېرىكىدا مۇشۇ كەسپنىڭ ئەڭ يۇقۇرى كەسپىي مۇكاپاتلىرى ۋە دۆلەت مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ «ئالگورىزىملار ئانالىزى ئاتىسى» (Father of the Analysis of Algorithms) دىگەن ئاتىقىمۇ بار. بۇ سىستېما ئالدىدا Microsoft Word قا ئوخشاش پىروگراممىلار بىر «ئويۇنچۇق» سانىلىدۇ ياكى شۇنداق قارىلىدۇ.)

كېيىن گېرمانىيەلىك بىر دوكتۇر ۋە پىروفېسسور ArabTeX نامىدا بۇ سىستېمىنىڭ تولۇقلىمىسىنى ئىشلەپ، بۇ سىستېمىنى ئوڭدىن سولغا يېزىلىدىغان يېزىقلارنى (ئۇيغۇرچىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرغان.

TeX سىستېمىسى كېيىن كېڭەيتىلىپ، LaTeX سىستېمىسى بارلىققا كەلگەن.

TeX ۋە LaTeX سىستېمىسىنىڭ Unicode بويىچە كىرگۈزۈش ئۇسۇللىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، XeTeX ۋە XeLaTeX نامىدا بۇ سىستېمىنىڭ تولۇقلىمىسى ئىشلەنگەن. بۇ سىستېمىنىڭ ئوڭدىن-سولغا يېزىلىدىغان يېزىقلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن (ئۇيغۇرچىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ArabXeTeX نامىدا بىر تولۇقلىمىسى ئىشلەنگەن.

مەن يېقىندا ArabXeTeX سىستېمىسىنى سىناپ بېقىش جەريانىدا ئۇنىڭ Unicode بويىچە كودلانغان كىرگۈزۈش ھۆججەتلىرىنى ۋە TrueType, OpenType فونتلىرىنى بىۋاستە، ياخشى مۇكەممەل قوللايدىغانلىقىنى بايقىدىم.

بۇ سىستېمانى ئۆگىنىش، ئىشلىتىش دەسلىپىدە سەل قىيىنراق. لېكىن ئۇنىڭ نەتىجىسى
Word, PageMaker, Publisher قاتارلىق سىستېمىسىدىكى نەتىجىلەردىن بەكمۇ سۈپەتلىك. غەرپ دۇنياسىدا، خەلقارادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق (بولۇپمۇ تەبىئى پەن ساھەسىدىكى) ژورناللار مۇشۇ سىستېمىدا چىقىرىلىدۇ، ماقالە قوبۇل قىلغاندىمۇ مۇشۇ فورماتتا يېزىلغان ماقالىلەرنى قوبۇل قىلىدۇ. دوكتۇرلۇق ئىلمىي ماقالىلىرى، بولۇپمۇ تەبىئى پەن ۋە ئىنژېنېرلىق پەنلىرى ساھەسىدىكى دوكتۇرلۇق ئىلمىي ماقالىلىرى ئاساسەن مۇشۇ سىستېمىدا يېزىلىدۇ. (بەلكىم ئەركىن سىدىق ئاكىمىزمۇ بۇرۇن دوكتۇرلۇق ئىلمى ماقالىسىنى مۇشۇ سىستېمىدا يازغان بولۇشى ۋە ھازىرمۇ خەلقارادىكى ژورناللاردا ئېلان قىلىۋاتقان ماقالىلىرىنى مۇشۇ سىستېمىدا يېزىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.)

مەنمۇ ئۇيغۇر ئالىمى دوكتۇر ئەركىن سىدىق ئەپەندىمنىڭ ماقالىلىرىنى PDF فورماتىدا ئېلكىتاپ قىلىپ ئىشلەپ قويۇشنى خىيال قىلىپ يۈرسەممۇ، Word, OpenOffice Writer پىروگراممىلىرىنىڭ بەت ياساش نەتىجىسىدىن قانائەت تاپمىغاچقا ھەم ۋاقىت مۇناسىبىتى بىلەن بۇ ئىشقا قول تىقالمىغان ئىدىم. LaTeX سىستېمىسىنىڭ ئۇيغۇرچىنى مۇكەممەل قوللايدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن بۇ ئىشنى قايتا قولۇمغا ئېلىشنى يەنە پىلان قىلدىم.

(ئىنكاسىم تېمىدىن سەل چەتنەپ كەتكەن بولسىمۇ، مۇشۇ مۇناسىبەت بىلەن LaTeX سىستېمىسى ۋە كومپيۇتېر كەسپى دوكتۇرى، پىروفېسسورى ۋە ئالىمى دونالد كەنۇس ئەپەندىم ھەققىدە سىلەرگە ئۇچۇر بېرىشنى مۇۋاپىق كۆرۈپ، بۇ ئىنكاسنى يازدىم. يۇقۇرىدىكى ئىنگلىزچە ئاچقۇچلۇق سۆزلەرنى گۇگىلنىڭ ئىزدەش كۆزنىكىگە كىرگۈزسەڭلار سىلەرنى مۇناسىبەتلىك ئۇچۇرلارغا كۆمۈۋاتىدۇ. مەن LaTeX دەپ ئىزدىسەم، 59,600,000 نەتىجىگە، Donald Knuth دەپ ئىزدىسەم، 262,000 نەتىجىگە ئېرىشتىم.)

چوققا

نەقىل:
ئاشۇ ئېلكىتابنى مۇشۇ ئۇيغۇر تور دۇنياسىنىڭ ھەممە بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە ئاپىرىپ تارقىتىۋەتكەنگىمۇ قولايلىق بولىدۇ.
بەك ئۇنداق قىلىۋەتسەكمۇ بولماس. ھەرنەرسىنىڭ قىممىتى ئۇنىڭ ئەتىۋارلىقى بىلەن.
نەقىل:
ئەسلى يوللىغۇچى: Eagle ، ۋاقتى: 2008-4-6 20:35
LaTeX سىستېمىسىنىڭ ئۇيغۇرچىنى مۇكەممەل قوللايدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن بۇ ئىشنى قايتا قولۇمغا ئېلىشنى يەنە پىلان قىلدىم.
مۇمكىن بولسا شۇنداق قىلسىڭىز ھەم شۇ ئەمگىكىڭىزنى ئىشلىگەچ جەريانلىرىدىن مەلۇمات بەرسىڭىز بىزمۇ ئىشلەشنى ئۆگىنىپ قالساق، بىزمۇ ئۇ چاغدا بىلىمنىڭ زاكىتىنى بىرەلىگىدەك بولۇپ قالساق ئەجەپ ئەمەس.

ئىنسان ئازغۇچى، ھەممىمىز بىر - بىرىمىز ئۈچۈن ئەينەك.
مېنىڭ تۇرايىم: QutTura

چوققا

ماقالە ئارىسىدىكى ئۇلىنىشلارنى تەھرىرلەپ قويساق بولغۇدەك، بەزى ئۇلانمىلارغا كىرگىلى بولمايدىكەن،(بەزى ئۇلانمىلار ئارسىغا بوشلۇق ئارتۇق كېتىپ قاپتۇ)

ھاياتلىقتا سىلەر تاللايسىلەر، ئۇ دۇنيادا ئاللاھ تاللايدۇ!

چوققا

ئەركىن سىدىق ئاكىنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى ئاجرىتىپ مۇشۇنداق ياخشى ماقالىنى بىز ئۈچۈن تەييارلىغىنىغا رەھمەت.
ياۋۇز ئەپەندىنىڭ مۇشۇنداق ياخشى ماقالىنى بىزنىڭ ھوزۇرىمىزغا ئەكەلگىنىگە رەھمەت.
بۈركۈت ئەپەندىنىڭمۇ مۇشۇ ماقالە سەۋەپلىك بىزگە بىر ياخشى يۇمشاق دېتالنى تونۇشتۇرغىنىغا رەھمەت. مەن ھازىرلا Emule دىن ئىزدەپ باقتىم، لېكىن نەتىجىسى ياخشى بولمىدى.
قېنى تور دۇنياسىنى يەنە بىر قىدىرىپ باقاي.

ئىزىڭدىن تىكەن ئۈنسە، ئەۋلادىڭنىڭ پۇتىغا سانجىلىدۇ.
http://www.bilik.biz/

چوققا

جەۋلانىي ئەپەندىم،

ئۇ دېتالنى FTP بىلەن ناھايىتى تېز چۈشىرەلەيسىز. ئۇ قانۇنلۇق ھەقسىز دېتال، بۇنى ئەسكەرتىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن.

ئەڭ ياخشىسى، ئىشنى بۇ ماقالە http://www.ctex.org/TeX نى ئوقۇشتىن باشلاڭ.

بۇ دېتالنى ئىشلىتىش دەسلىپىدە سەل قىيىنراق. ئاۋال ئۇ ھەقتىكى ھەقسىز پ د ف ئېلكىتاپ ۋە ماقالىلارنى ئوقۇپ كۆرگەن ياخشى. ئۇنى ئىشلىتىش پىروگرامما يازغانغا، ياكى تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، Notepad, 记事本 دا تور بەت تۈزىگەنگە ئوخشاپ كېتىدۇ. بۇنداق تور بەت ياساش، FrontPage دە ياسىغاندىن قىيىن، لېكىن كۆپ سۈپەتلىك بولىدۇ. شۇڭا LaTeX سىستېمىسىدا بەت ياساش Word قا قارىغاندا قىيىن، لېكىن بەك سۈپەتلىك.

ئاۋال www.ctex.org غا بېرىپ، (بۇ بەت خەنزۇچە، جۇڭگۇدا، خەنزۇچە TeX تونۇشتۇرۇلغان بەت)، مۇناسىۋەتلىك چۈشەندۈرۈش ماقالىلىرىنى ئوقۇپ كۆرۈڭ. ھەممە ئۇچۇرلار شۇ يەردە بار.

ناۋادا LaTeX سىستېمىسىنىڭ Unicode, TrueType, OpenType لارنى قوللايدىغان نۇسقىسى XeTeX ۋە ئۇنىڭ ئوڭدىن سولغا يېزىلىدىغان، ئەرەب يېزىقىنى ئاساس قىلغان يېزىقلارنى قوللاش تولۇقلىمىسى ArabXeTeX نى ئىشلىتىپ بېقىشقا قىزىقىدىغانلار كۆپرەك بولسا، اللە خالىسا، مەن ئۇنى قانداق قاچىلاش ۋە ئىشلىتىش ھەققىدە مىساللار بىلەن بىرەر چۈشەندۈرۈش تېمىسى يېزىپ قويارمەن.

سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

(بۇ تېما باشقا ياققا بۇرۇلۇپ كەتمىسۇن. ناۋادا شۇنداق خەتىرى بولسا، ئۆزەمنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ تېمىدىن چەتنەپ كەتكەن ئىنكاسلىرىنى ئايرىم تېما قىلىپ يۆتكەپ قوياي. بۇ تېمىدا ئەركىن ئاكىمىزنىڭ ماقالىسىنىڭ گېپىنى قىلىشايلى.)

چوققا