ئەركىن سىدىق ئەپەندى ياخشىمۇسىز؟
ئەگەر ئادەم ئۆزى باش قاتۇرىۋاتقان مەسىلە توغرىسىدا باشقىلارنىڭمۇ پىكىر يۈرگۈزىۋاتقانلىقىنى بىلسە باشقىچە روھلىنىپ كىتىدىكەن.
1.ئۇيغۇرلار ۋە كىتاب مەسىلىسى
{1} شەخسى كەچۈرمىشىم
مەن ئۆزەم لوپنور ناھىيىسىنىڭ چەت بىر يېزىسىدا تۇرىمەن.بىر مىنۇتنىمۇ بوشقا ئۆتكۈزمەي كىتاب ئوقوسام دەيمەن،لىكىن مەن ئوقويدىغان كىتاب بەكمۇ ئاز.ناھىيە بازىرىدا دورىلىققا تېپىلىدىغان شىنخۇا كىتابخانىسىدىن بىرسىلا بار ،ئامال يوق گاھىدا كورلىغىمۇ بارىمەن ،كورلىدىمۇ ئاران 2-3كىتابخانىنى بىلىمەن ،كۆلىمى بەكلا كىچىك.شۇنچە چوڭ بايىنغۇلىننىڭ مەركىزىدىن ئۆزەم ئىزلىگەن كىتابلارنى تاپالمايمەن.پىلاستىنا دۇكىنى،رىستۇران دىگەندەكلەرنى قەدەمدە بىر ئۇچىرىتىمەن.كورلىدا توكلۇق ۋېلسىپىت مىنىىپ كىرا قىلىدىغانلارنى توسوۋىلىپ مىنى شەھەردىكى ئەڭ چوڭ كىتابخانىغا باشلا دەيمەن .ئۇلار مەندىن ئارتۇق بىلمەيدۇ.
[2]كىتاب نەشىر قىلىش
ئۇيغۇر دىيارىدا يىلىغا نەشىر قىلىنىدىغان كىتاب مىنىڭچە 500 ئاشمايدۇ.بۇنىڭ سەۋەبى ھەر خىل بۇلىشى مۇمكىن .ئۇيغۇر دىيارىدا يېڭى نەشىرياتلارنى قۇرۇش مىنىڭ بىر نىشانىم .بۇ ئىشقا سىياسەت نىمە دەيدۇ بىلمەيمەن.كىشىلىرىمىزگە باھاسى ئەرزان،يېڭى ،ئىسىل كىتابلار تەغدىم قىلىنسا ئۇلار كىتاب ئوقوماسلىققا يەنە قانداق بانا كۆرسىتەلەيدۇ.
2.مائارىپ مەسىلىسى
مەن ئۆز ئەھۋالىمغا ئاساسەن پەرەز قىلاي.ئۇيغۇر دىيارىدا تولوقسىز 100 بالا پۈتتۈردى دىسەك بۇنىڭ 20سى تولوق ئوتتوردا ئوقويدۇ.(مەن يېزىلانى دەۋاتىمەن ،بەلكىم شەھەرلەردە ئەھۋال ياخشىدۇ.) قالغان 80نەپىرى ئائىلىسىگە قايتىدۇ.تولوق ئوتتوردا ئوقوغان 20 بالىنىڭ ئالى مەكتەپكە ئۆتىدىغىنى ئۆتىدىغىنى 5تىن ئاشمايدۇ.ئاخىرقى بۇ 5 بالىدىن خىزمەت تاپىدىغىنى قانچىلىك،چەتئەلگە چىقىپ ئوقويدىغىنى قانچىلىك؟ بەلكىم مەن بەك تۆۋەن دەپ قويغاندىمەن.ياكى بۇ مىنىڭ رايونىمدىكىلا ئەھۋالدۇ؟