3-قەۋەت
چوڭ نورمال
كىچىك يوللىغان ۋاقىت: 2008-4-26 13:11
مۇشۇ ئەزانىڭ يازمىسىنىلا كۆرۈش
مەن ئۆزەمنىڭ بەزىبىر باشتىن ئۆتكۈزگەن تەسىراتلىرى ئارقىلىق ئەركىن ئاكىمىزىنىڭ يۇقارقى سۆزلىرىنى ئاز تولا دەلىللەپ ئۆتمەكچى :
مەن 2002 - يىلى مەلۇم سەۋەپلەر بىلەن ئائىلەمدىن قۇرۇق قول ئايرىلىپ ،ناھىيە بازىرىغا كەلگەن ، دەسلەپتەباشقىلارنىڭ قولىدا ئىشلەشنى ئويلىغان ئىدىم . چۈنكى مەن ئېلىكتىر سايمانلىرىنى رېمونت قلىشتا خېلى مۇكەممەل ئاساسىم ۋە تەجرىبەم بار ئىدى . ئەمما شۇ ۋاقىتتا ئائىلىۋى توك ئۈسكىنىلەرنىڭ تەقلىدىي توك زەنجىرىنىڭ ئورنىنى رەقەملىك توك يولى كۈنسايىن ئىگەللەۋاتقان بولغاچقا ، رەقەملىك توك يولىنى تازا چۈشىنىپ كەتمەيتتىم . شۇڭلاشقا ئازراق ۋاقىت كومپيۇتېر ئۈگۈنۈپ باقماقچى بولدۇم . ئەمما مەن ئايلىقى 30 يۈەنلىك ئۆينىڭ ئىجارىسىنى ئاران تۆلەپ قورساقنى تەستە بېقىۋاتقان ئىدىم .
رېمونتچلۇقۇم ئەسقاتىپ قېلىپ ، ئۆي ئىگىسىنىڭ بۇزۇلۇپ كەتكەن رەڭلىك تېلىۋوزىرىنى تۈزەپ بېرىپ ئىجارە ھەققىنى ئازراق كەينىگە سوزدۇم .
خەنزۇچە تىلنى ياخشى بىلگەنلىگىم ئۈچۈن ، مىڭ تەستە بىر خەنزۇ يولداشنىڭ باسمىخانىسىدا ، تەرجىمە قىلىدىغان ئىشلار بولسا تەرجىمە قىلىپ بېرىپ ، ئازراق پۇل تاپتىم .
ئاندىن كېيىن بىر كومپيۇتېر كۇرسىغا كىرىپ ئوقۇدۇم . مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن دەرس ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچى يوق ، ئۆزەم كىتاپخانىدىن كىتاپ سېتىۋېلىپ ، شۇلارغا قاراپ ئولتۇرۇپ ، كومپيۇتېر ئۈگەندىم . 15 كۈن بولغاندا بىرسىگە ئېھتايج سەۋەبىدىن ياللىنىپ ئىككى ئاي ئىشلىدىم . بۇ جەرياندا كۈندىزى باشقا ئىشلارنى قىلسام ، ئاخشىمىسى كېچىچە ئۇخلىماي ماڭا ئىشلىتىش بەرگەن كومپيۇتېردىن پايىدىلىنىپ بىر نەرسە ئۈگەندىم .
ئۇنىڭدىن كېيىن بىر نەچچە ئورۇندا ئىشلىدىم . مەندە مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى بەكلا كۈچلۈك بولغاچقا خېرىدارلارنى ئىمكان بار رازى قىلىپ خوجايىنلىرىمنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتىم . (ئۇلار بىلەن ھازىرغىچە ھەمكارلىشىپ كېلىۋاتىمەن .)
كېيىن بىر ئىچكىرىدە كەسپ ئوقۇپ كەلگەن دوستۇم بىلەن بىرلىشىپ بىر لايىھەلەش ئورنى قۇردۇق .بىر كۈنىسى بىر كىشى كېلىپ ماڭا بىر قۇرۇلۇش ئۈچ ئۆلچەملىك خەرىتىسى سىزدۇردى . مەن خەرىتىنى سىزىپ بولغاندىن كېيىن ئۇ كىشى ماڭا :
مۇشۇنچىلىك تېخنىكا تۇرۇپ نىمەدەپ مۇنداق چەت يەرگە دۇكان ئاچتىڭلار ، مەن ياردەم قىلاي ئوبدان يەردىن دۇكان ئېلىپ ئېچىڭلار چوقۇم ياخشى تەرەققىي قىلالايسىلەر دىدى . مەن ئۇ ئادەمنىڭ گېپىگە ئانچە ئىشىنىپ كەتمەي ئاغزىمدىلا بولىدۇ دەپ قويدۇم . كېيىن تەربىيلەش مەركىزى ئېچىۋاتقان بىر دوستۇمغا بۇ ئەھۋالنى دىۋىدىم ، ئۇ ئىككىمىز ھەمكارلىشىپ مەكتەپ قۇرايلى دىدى . مېنىڭ بىلەن ھەمكارلاشقان دوستۇمدا بىلىم بولغان بىلەن مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى بەك تۆۋەن بولغاچقا ( بەلكىم مۇشۇ دوستۇممۇ بۇ يازمىلارنى كۆرىشى مۈمكىن ئەمما بۇ ئەمەلىي ئەھۋال )
مەن بۇ دوستۇمنىڭ گېپى بىلەن لايىھەلەش ئورنىنى تاشلاپ ، ھېلىقى كىشىنى ئىزلەپ باردىم ، ئۇ ئەسلىدە ناھىيىدىكى مەلۇم بانكىنىڭ مۇدىرى ئىكەن . مەن ئەھۋالنى ئېيتىشىم بىلەن تەڭ ، ئۇ ئىككلىنىپ تۇرمايلا 35000 يۈەن تەستىقلاپ بەردى . پۇلنى بىر كۈندىلا بارلىق رەسمىيەتلەرنى ئۆتەپ ئېلىپ بولدۇم . ئەتىسى بىر نەچچە دوستۇم ماڭا ئۆز ئالدىڭغا ئىش قىلغىن ، ئامال بار ھەمكارلاشما دىدى . مەن بىز ئۇيغۇرلارنى قېرىنداش مىللەتلەر ھەمكارلىشىش تۇيغۇسى كەمچىل دەپ قارايدىكەن . مەن بىزنىڭ ئۇنداق ئەمەسلىگىمىزنى كۆرسۈتۈپ قويماقچى دىدىم . شۇنىڭ بىلەن تەربىيەلەش مەركىزىنى مەكتەپ قىلىپ قانۇنلۇق تىزىمغا ئالدۇرۇپ ئاچتۇق . بۇ دوستۇم دەسلەپتە ئىشلارغا خېلى كۈچىدى بولۇپمۇ مەكتەپ رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىشتا ،ھەمدە ئۆزىنىڭ نامى بىلەن تىزىمغا ئالدۇردى . چۈنكى ئۇنىڭ كادىرلار ئىدارىسىدا تونۇشلىرى جىق ئىدى . مەن بولسام باشلانغۇچ سەۋىيەدە ، بۇ ناھىيىگە يەرلىك ئەمەس ئىدىم ئۇ بولسا تېخنىكوم پۇتتۈرگەن ، يەرلىك بولغاچقا مەن بۇلارنى نورمال ئەھۋال دەپ پىسەنت قىلمىدىم .مەكتەپنى قۇردۇق ئەمما شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ تاماق يەيدىغانغىمۇ ۋاقتىم چىقماس بولۇپ كەتتى . ئەتىگەندە كومپيۇتېر دەرسى ۋە ياكى جەنزۇ تىلى دەرسى ئۆتىمەن ، چۈشتىن كېيىنمۇ شۇنداق . كەچلىگى بولسا كۈندىزى خېرىدارلىرىم ئەپكېلىپ قويغان ئىشلارنىڭ لايىھەسىنى قىلىش . ئىشقىلىپ ساراڭ بولۇپ قالمىدىم . ھالىمدىن كەتتىم . ھەمكارلاشقان دوستۇم بولسا قاتتىق دېتال قىسمىدىن دەرس بېرەتتى . يۈكۈمنى ئازراق يېنىكلىتىش مەقسىدىدە بۇ دوستۇمنى ئۈرۈمچىگە پروگرامما تىلى ئۈگۈنۈپ كېلىش ئۈچۈن ماڭدۇردۇم .. ئۇ مېنى ھەيران قالدۇرۇپ ئۇرۇمچىدە پروگرامما تىلى ئۈگەتكۈدەك تۈزۈك يەر يوقكەن دەپ بىر ئايچە تۇرۇپ قايتىپ كەلدى .
مەن بۇنىڭغا ئۈندىمىدىم . بۇ مەكتەپنى بىر يېرىم يىل ئېچىپ ئاخىرى چىدىمىدىم . لايىھەلەرنى قىلمىسام خېرىدارلار رەنجىيدۇ . دەرس ئۆتمىسەم ئوقۇغۇچىلار . ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇئەللىم ماۋۇ يەرنى بىلمەي قالدۇق چىقىپ كۆرۈپ باققان بولسىلا دەپ ئىشخانامغا كىرگەندە ، مۇشۇ بالىلارنى سەھرالاردىن نۇرغۇن ئۈمۈت بىلەن ئېلىپ كەلگەن ئاتا ئانىلارنىڭ مىسكىن چىرايىنى ئەسلەپ ئۇلارغا يۈز كېلەلمەيۋاتقاندەك ھىس قىلدىم . . توختام 4 يىللىق تۈزۈلگەن بولۇپ ، كىم يېنىۋالسا15مىڭ سوم تۆلەشكە كېلىشكەن ئىدۇق . مەن بانكىنىڭ كېيىنكى يىلىغا قالغان 15مىڭ يۈەن پۇلىنى تۆلەپ بېرىش ھىساۋىغا مەكتەپنى تاشلاپ يېنىپ چىقىپ ، ئۆز ئالدىمغا ئايالىم بىلەن بىرگە لايىھەلەش ئورنى قۇرۇپ ھازىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتىمىز . دۇكان سىرتىغا ۋىۋىسكا ئاسمىدىم . ئەمما بىر كۈن بىكار قالمىدىم . بۇرۇنقى دۇكاننىڭ خېرىدارلىرى ، مەكتەپنىڭ بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلىرى ئىش بولسىلا ئىزلىپ كېلىدۇ . بەزىلەر ۋىۋىسكىسى يوق دۇكان تۇرۇپمۇ ، دۇكىنىڭىزنىڭ ئەھۋالى ياخشى دەپ قويىدۇ . مەن كۈلۈپلا قويىمەن .چۈنكى مەن ئەمدىلەتتىن خوجايىن بولسا قانداق بولىدىغانلىقىنى ھىس قىلماقتىمەن . مېنىڭمۇ بۇندىن كېيىن داۋاملىق كېڭىيىش ئارزۇيۇم بار.
ھىس قىلغىنىم : مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى كۈچلۈكلەر كۆپلەپ مەيدانغا كەلسە بولغۇدەك .
بىلىمگە قانائەت قىلمايدىغان ، مەنمەنچىلىكتىن ساقلىنالايدىغانلار كۆپەيسە بولغۇدەك .
ئىشلىگۈچىلەردە : مەن خوجايىنىمغا ئىشلىمەيمەن بەلكىم كەڭ ئېھتىياجلىقلار ئۈچۈن ئىشلەيمەن . خېرىدارنىڭ يانچۇقىدىن پۇل چىقمىسا ، خوجايىنىمنىڭ يانچۇقىدىنمۇ پۇل چىقمايدۇ . شۇڭلاشقا خوجايىنىم يارىتىپ بەرگەن شارائىتنى قەدىرلەي دەيدىغان قاراش شەكىللىنىشى كېرەك ئىكەن . بۇنداق بولغاندا خوجايىن تەبئىيلا ئىشلىگۈچىدىن رازى بولۇپ قالماي ، يەنە خېرىدارلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشەلەيدۇ . بۇ ئارقىلىق كېيىنكى ئىشلىرى ئۈچۈن ئاساس ھازىرلاشقابولىدۇ .
ئەسلىدە ئويلىنىپ يازاي دىگەن ئىدىم . ئەمما ئىلھام كەلگەندە تەخىر قىلالمىدىم .
( يۇقارقى بايانلار ، بىزدىكى بەزىبىر ساقلانغان مەسىلىلەرنى كۆرسىتىپ بېرىش ئۈچۈن بولدى . باشقىچە مەقسەت يوق ، قالايمىقان ئىنكاس يازماسلىقىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن.)
خاتالىق بولسا تۆۋەنچىلىك بىلەن قوبۇل قىلىمەن ، كۆپچىلىككە رەھمەت