Windows Vista دىكى «ف» نى ئوڭشاشنىڭ يېڭى ئۇسۇلى ___ سىستېما ھۆججىتىنى ئالماشتۇرۇش
مۇندەرىجە
0 «Windows Vista دىكى «ف» مەسىلىسى» دېگەن نېمە؟
I پرىنسىپ
II ئاپتوماتىك ئالماشتۇرۇش پروگراممىسى
III ئىزاھات
IV ئۆزگەرتىش خاتىرىسى
0 «Windows Vista دىكى «ف» مەسىلىسى» دېگەن نېمە؟نەقىل:
ئەسلى يوللىغۇچى: Eagle ، ۋاقتى: 2008-5-13 11:53 AM 

Windows Vista نىڭ ئۆزىدىكى ئۇيغۇرچە (Uighur) كىرگۈزگۈچتە، فونت (خەت نۇسخىسى) نى Microsoft Uighur غا توغرىلاپ، ئۇيغۇرچە خەت يازسىڭىز، بۇنىڭدا ھىچقانداق نورمالسىزلىق كۆرۈلمەيدۇ. لېكىن بۇ كىرگۈزۈلگەن تېكىستلارنى، ئۇيغۇرسوفت ئەلكاتىپ، UKIJ فونتلىرىغا توغرىلىسىڭىز، «ف» ھەرپلىرى توغرا باغلاشمايدۇ، نورمال ئۇلانمايدۇ (يۇقىرىقى سۈرەتتىكى «ف» ھەرپلىرىنى كۈزىتىڭ.) شۇنداق بولغاندا، سىزنىڭ كىرگۈزگەن خېتىڭىزدىكى «ف» ھەرپلىرىنى پەقەت ۋە پەقەتلا Windows Vista نىڭ ئۆزىدىكى Microsoft Uighur فونتىدىلا توغرا كۆرگىلى ۋە بېسىپ چىقارغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئەھۋاللاردا توغرا كۆرگىلى، بېسىپ چىقارغىلى بولمايدۇ.
بۇنىڭ سەۋەبى، سىزنىڭ Windows Vista نىڭ ئۆزىدىكى ئۇيغۇرچە (Uighur) كىرگۈزگۈچتە يازغان تېكىستىڭىزدىكى «ف» ھەرپىنىڭ كودى بىزنىڭ ھازىرقى (Unicode، دۆلەتلىك ۋە يەرلىك) ئۆلچىمىمىزگە توغرا كەلمەيدۇ، شۇڭا ئۇ «خاتا» بولىدۇ. سىزمۇ يۇقىرىدا يازغان خېتىڭىزدىكى «ف» ھەرپلىرىنى پەقەت ۋە پەقەت Microsoft Uighur فونتى بار كومپيۇتېرلاردىلا توغرا كۆرەلەيسىز ۋە بېسىپ چىقىرالايسىز. ناۋادا ئۇ فونت بولمىسا، باشقا ھازىر بىز ئىشلىتىۋاتقان فونتلار، مەسىلەن ئۇيغۇرسوفت ئەلكاتىپ، UKIJ فونتلىرى بىلەن توغرا كۆرەلمەيسىز ۋە بېسىپ چىقىرالمايسىز.
دېمەك يۇقىرىقى تېكىستىڭىزدىكى «ف» ھەرپلىرىنى ئۆزىڭىز نورمال كۆرۈشىڭىز ۋە بېسىپ چىقىرىشىڭىز ئۈچۈن، Windows Vista نى، ياكى ئەڭ بولمىغاندا Microsoft Uighur فونتىنى ئۆزىڭىز بىلەن بىرگە ئېلىپ يۈرىشىڭىز كېرەك. ياكى تېخىمۇ ئوبرازلىق ئېيتقاندا، بىر لەتىپىدىكىدەك، «ئۆزىڭىز يازغان خەتنى يەنە ئۆزىڭىز بېرىپ ئوقۇپ بېرىشىڭىز كېرەك.»
«Windows Vista دىكى «ف» مەسىلىسى» دېگىنمىز مۇشۇ مەسىلە.
I پرىنسىپ
بىز بۇ خىل ئۇسۇلدا يېڭى كىرگۈزگۈچ ئورناتماستىن، بەلكى ئۆزىمىز ئۆزگەرتكەن (توغرىلىغان) DLL ھۆججىتى ئارقىلىق Vista دىكى ئەسلىدە بار بولغان سىستېما ھۆججىتى ئالماشتۇرۇمىز. Hack Vista!
Windows Vista دىكى ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختا ئورۇنلاشتۇرۇشىنى بەلگىلەيدىغان ھۆججەتنىڭ نامى kbdughr.dll (c:\
windows\system32 قىسقۇچى ئىچىدە). مەن ئۆتكەن قېتىمقى ھەل
قىلىش ئۇسۇلىدا Microsoft Keyboard Layout Creator ئارقىلىق بىر ئورنىتىش پروگراممىسىنى ياسىغان، ئۇنىڭ ئىچىدە uyghur.dll ناملىق ھۆججەت بار ئىدى. بىز بۇ قېتىمقى ئالماشتۇرۇشتا يەنىلا شۇ ھۆججەتنى ئىشلىتىمىز، ئەمما ئۇنىڭ نامىنى ئالدى بىلەن kbdughr.dll گە ئۆزگەرتىمىز، ئەلۋەتتە.
Windows Vista نىڭ قوغداش مېخانىزمى ناھايىتى كۈچلۈك بولغاچقا، ئۇنىڭ سىستېما ھۆججەتلىرىنى ئالماشتۇرۇش جەريانى XP دىكىدەك ئۇنداق ئاسان ئەمەس ئىكەن. Replacer بىلەنمۇ مۇمكىن بولمايدىكەن. شۇڭا بۇنىڭغا باشقىچىرەك ئۇسۇل لازىم بولىدىكەن. ئىزدىنىش ئارقىلىق بۇ ئۇسۇلنىمۇ تېپىۋالدىم. خوش، ئەمدى بۇ ئۇسۇلنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي:
1. ئەگەر سىستېما ئۆزى تەمىنلىگەن كۇنۇپكا تاختا ئورۇنلاشتۇرۇشىنى (يەنى Uighur نى) قاچىلاپ ئىشلىتىۋاتقان بولساق، ئوڭۇشلۇق بولۇش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئۇنى «كونترول تاختىسى» دىكى
تىل تاللاش دىئالوگى ئىچىدە ئۆچۈرۈۋېتىمىز (ھۆججەتنى ئەمەس).
2. مەنبە ھۆججەتنى (يەنى بىز بۇرۇن ياساپ قويغان uyghur.dll دېگەن ھۆججەت، ئۇنىڭ ھازىرقى نامى kbdughr.dll ، بۇ يەردىن
چۈشۈرۈڭ:
KBDUGHR.zip (2.36 KB)
) ئەپچىل بىر قىسقۇچ ئىچىگە كۆچۈرۈپ قويىمىز، مەسىلەن c:\
3. «باشلاش» - «بارلىق پروگراممىلار» - «قوشۇمچىلار» - «بۇيرۇق قۇرى» نى مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسى بىلەن چېكىپ، «باشقۇرغۇچى سالاھىيىتىدە ئىجرا قىلىش» نى بېسىپ، بۇيرۇق قۇرىنى قوزغىتىمىز.
4. ئېچىلغان بۇيرۇق قۇرى كۆزنىكىدە تۆۋەندىكى بۇيرۇقلارنى تەرتىپى بويىچە ئىجرا قىلىمىز (لاتىن ھەرپلىرىنىڭ چوڭ كىچىك يېزىلىشىدا تەلەپ يوق):
چەكسىڭىز كود كۆچۈرۈلىدۇكود:
takeown /f kbdughr.dll
icacls kbdughr.dll /grant Administrators:F
copy /y c:\kbdughr.dll kbdughr.dll
5. شۇنىڭ بىلەن ئىش تامام، ئەمدى كونترول تاختىسىدىن Uighur نى قوشۇپ ئىشلەتسەكلا توغرا «ف» ھەرىپى كۆرۈنىدىغان بولىدۇ.
II ئاپتوماتىك ئالماشتۇرۇش پروگراممىسى
ئازراق ئىزدىنىش ئارقىلىق، I بۆلەكتىكى باسقۇچلارنى ئاپتوماتىك ھالدا ئىجرا قىلىپ، ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختا ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئالماشتۇرۇدىغان پروگراممىنىمۇ ياساپ قويدۇم. بۇ پروگراممىنى ئىجرا قىلىپ بولغاندىن كېيىن، تۆۋەندىكىدەك ئىككى خىل ئەھۋال ۋە ھەل قىلىش چارىسى مەۋجۇد بولىدۇ:
1. بۇ پروگراممىنى ئىجرا قىلىشتىن بۇرۇن، ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختا ئورۇنلاشتۇرۇشى قاچىلاپ
ئىشلىتىلمىگەن: بۇ خىل ئەھۋالدا، پروگرامما ئىجرا بولۇپ بولغاندىن كېيىن، بىۋاسىتە «كونترول تاختىسى» ئىچىدىكى تىل تاللاش دىئالوگىدىن Uighur نى تاللاپ، قاچىلاپ ئىشلەتسەكلا بولىدۇ.
2. بۇ پروگراممىنى ئىجرا قىلىشتىن بۇرۇن، ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختا ئورۇنلاشتۇرۇشى قاچىلاپ
ئىشلىتىلگەن: بۇ خىل ئەھۋالدا، پروگرامما ئىجرا بولۇپ بولغاندىن كېيىن، Windows ھېساباتىدىن چىقىپ (Log off, 注销)، ئاندىن قايتا كىرسەك (Log on, 登录) لا بولىدۇ. ئەلۋەتتە، كومپيۇتېرنى قايتا قوزغاتساقمۇ نەتىجىسى ئوخشاش بولىدۇ. Uighur كۇنۇپكا تاختا ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئۆچۈرۈپ، قايتا قاچىلاش ھاجەتسىز.
ئاپتوماتىك ئالماشتۇرۇش پروگراممىسى:
KbdUghrReplacer.zip (64.61 KB)
III ئىزاھات
ئادەتتىكى ئىشلەتكۈچىلەر ئەمدى پەقەت II بۆلەكتە تەمىنلەنگەن ئاپتوماتىك ئالماشتۇرۇش پروگراممىسىنى ئىجرا قىلسىلا كۇپايە، بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختا ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئالماشتۇرۇش مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ. I بۆلەكتىكى قەدەم-باسقۇچلارنى ئورۇنداش ھاجەتسىز.
رەھمەت!
IV ئۆزگەرتىش خاتىرىسى
1. Command Prompt (命令提示符) نى «باشقۇرغۇچى سالاھىيىتىدە ئىجرا قىلىش» (以管理员身份运行) ئارقىلىق ئىجرا قىلساق، Command Prompt نىڭ خىزمەت مۇندەرىجىسى (قىسقۇچىسى) ئاپتوماتىك ھالدا c:\windows\system32 غا تەڭشىلىدىكەن، شۇڭا بۇ يولنى كىرگۈزۈش ھاجەتسىز ئىكەن. بۇنداق بولغاندا، بىر مۇنچە ھەرپ-بەلگىلەرنى كىرگۈزۈش ھاجەتسىز بولۇپ، خاتالىق چىقىش ئېھتىماللىقىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن. ئەمما ئەڭ ئاخىرىقى قۇردىكى c:\ نى چوقۇم كىرگۈزۈش كېرەك، چۈنكى بۇ قۇردىكى ئىككى kbdughr.dll ئوخشىمايدىغان ئىككى ئورۇندىكى (مۇندەرىجىدىكى، قىسقۇچتىكى) ئىككى ئوخشىمايدىغان ھۆججەت. ئەمەليەتتە، بۇ قۇرنىڭ مەنىسى، ئالدىدىكى kbdughr.dll ئارقىلىق، كەينىدىكى kbdughr.dllك نى قاپلاپ كۆچۈرۈش. ئاندىن copy بۇيرۇقىغا y/ پارامېتېرىنى قوشۇپ قويساقلا، ئەڭ ئاخىرىدىكى جەزملەشتۈرۈشتىن ساقلانغىلى بولىدىكەن. بۇنىڭ ئاپتوماتلاشتۇرۇشقا ئانچە-مۇنچە پايدىسى بار ئىكەن.
2. ئاپتوماتىك ئالماشتۇرۇش پروگراممىسى قوشۇلدى.
3. «Windows Vista دىكى «ف» مەسىلىسى» چۈشەندۈرۈلۈشى ۋە مۇندەرىجە قوشۇلدى.