نەقىل:
ئەسلى يوللىغۇچى: EnQa ، ۋاقتى: 2008-10-13 08:37 PM 
سىڭلىم بۇ يىل شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىنىڭ ماتىماتىكا ۋە قوللىنىشچان ماتىماتىكا كەسپىنى پۈتتۈرگەن،ئىنگىلىزتىلىدا 6-دەرىجىدىن 448 نۇمۇر ئاپتۇ،ئۇنىڭ دەرىس نەتىجىسىمۇ خېلى ياخشى.
سىڭلىڭىز ئالى مەكتەپتە بەك ياخشى ئوقۇپتۇ. مۇشۇنداق تىرىشچان سىڭلىڭىز بولغانلىقىدىن ئىپتىخارلىق ھىس قىلسىڭىز بولىدىكەن.
نەقىل:
ئەسلى يوللىغۇچى: EnQa ، ۋاقتى: 2008-10-13 08:37 PM 
لىكىن مەلۇم سەۋەپلەردىن تېخى توفىل دىگەندەك خەلىقئارالىق ئىمتىھانلارغا قاتنىشىپ باقمىدى.ئەمدى قانداق قىلار؟جۇڭگودا ئالغان بۇ ئىمتىھان نەتىجىسىنى ئېتراپ قىلمايدۇ ھەقىچان
ئامېرىكىغا بېرىپ ئوقۇشنى نىيەت قىلغان ھەر قانداق ئوقۇغۇچى چوقۇم TOEFL ئىمتىھانىسى بېرىشى كېرەك. سىڭلىڭىز بۇرۇن قاتناشمىغان بولسا، بۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئىمتىھانغا قاتناشسۇن. شىنجاڭ ئۇنۋېرىستېتىنىڭ چەتئەل تىللىرى ئىنىستوتىدا بۇ ئىمتىھان نۇقتىسى بار. جۇڭگۇنىڭ 6-دەرىجە ئىمتىھان نەتىجىسىنى ئامېرىكىدا ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلىشتا ئىشلەتكىلى بولمايدۇ.
نەقىل:
ئەسلى يوللىغۇچى: EnQa ، ۋاقتى: 2008-10-13 08:37 PM 
ئۇنىڭغا پۇرسەت بولارمۇ؟
سىڭلىڭىز TOEFL ئىمتىھانىسى بەرسىلا، بۇنداق پۇرسەتلەر سىڭلىڭىز ئۈچۈن ھەر دائىم بار. بۇ يىل پۇرسەت بولمىسا كېلەر يىلى بار. ئامېرىكىدا ماتېماتىكا، قوللىنىشچان ماتېماتىكا كەسپىدە ئوقۇش مۇكاپاتى بىلەن ئوقۇش پۇرسىتى بەك كۆپ.
نەقىل:
ئەسلى يوللىغۇچى: EnQa ، ۋاقتى: 2008-10-13 08:37 PM 
بولسا تەپسىلى ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز،سىناپ باقساق بولارمۇ.
TOEFL ئىمتىھان نەتىجىسى بولمىغان شارائىتتا، ئىلتىماس قىلىپ سىناپ باققاننىڭ ھىچ پايدىسى يوق، ئىلتىماسىڭىز تاكى TOEFL نەتىجىسىنى تەمىنلىگۈچە بىر بۇلۇڭدا قالىدۇ، 1 يىلدىن كېيىن ئەخلەتخانىغا تاشلىنىدۇ.
ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى تېپىپ مەن تەمىنلىسەم بولىدۇ. سىڭلىڭىز يەنە فاكۇلتېتىدىكى مەملىكەتلىك 10 مۇنەۋۋەر ياشنىڭ بىرى، دوكتۇر ئاسپىرانت يېتەكچىسى، پروفېسسور، دوكتۇر غېنى ئەپەندىمنى ئىزدەپ، ئۆزىنىڭ داۋاملىق يۇقۇرى ئۆرلەپ ئوقۇش ئارزۇسىنى ئىپادىلىسىمۇ بولىدۇ.
بىز ئەمىلىيەتتە سىڭلىڭىزدەك تىرىشچان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنى ئىزدەپ، قاتراپ يۈرۈيمىز.