بىلىك كۇلۇبى
 35 1234
يېڭى تېما يوللاش
پرىنتېرغا يوللاش

ئۇيغۇرچە يۇنىكود كىرگۈزۈش ئۇسۇلى (يېڭى)

ئۇيغۇرچە يۇنىكود كىرگۈزۈش ئۇسۇلى (يېڭى)

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم:
يۇلغۇن تور بېكتىنىڭ قۇرغۇچىسى، UKIJ نىڭ رەئىسى مۇھەممەدجان ئەپەندى تۈزگەن يۇنىكودلۇق ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش كودى يېڭىلانغان بولسىمۇ، كۆپ قىسىم تورداشلارنىڭ ئىشلىتۋاتقىنى يەنىلا بۇرۇنقى كود ئىكەن. شۇڭا يېڭى كودنىڭ ئالاھىدىلىگى، قولايلىقىغىنى تورداشلارغا بىلدۈرۈپ ئاسانلىق يارىتىش ئۈچۈن، بۇ تېمىنى يېزىشنى مۇۋاپىق تاپتىم.

نۆۋەتتە ئىككى خىل كىرگۈزۈش كودى بار، بىرى ئاساسى رايۇن ئىشىلتىدىغان كود، يەنە بىرى كېڭەيتىلگەن رايۇن ئىشىلتىدىغان كود.

1. ئاساسى رايۇن قوللىنىلغان كىرگۈزۈش ئۇسۇلى

ماس كېلىدىغان مۇھىت:
Microsoftنىڭ Win2000 نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە ئۇنىڭدىن يۇقۇرى بولغان مەشغۇلات سىستېمىسى، ھەر خىل Linux مەشغۇلات سىستېمىلىرى ۋە شۇلارغا ماس تور بەت كۆرۈش قوراللىرى.

ئالاھىدىلىگى:
Unicode ئۆلچىمى بىلەن ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش.
Ctrl-K بىلەن ئۇيغۇرچە ۋە باشقا تىللاردىكى كىرگۈزۈش ھالىتىنى ئالماشتۇرۇش (Maxthon دا Ctrl+B).
Ctrl-U بىلەن كومپىيوتىرىڭېزدىكى سىز ئالدىن كۆچۈرگەن UKY دىكى تېكىستنى ئۇيغۇرچە قىلىپ كىرگۈزۈش. (Internet Explorer دا ئىشلەيدۇ.)
Ctrl-T ئارقىلىق تېكىست رايۇنىنىڭ يۆنۈلىشىنى ئۆزگەرتىش.
Ctrl-J ئارقىلىق كونا ئەلكاتىپ (al katip) شەكلىدە كىرگۈزۈلگەن تېكىستلەرنى Unicode ئۆلچىمىدە چاپلاش.
چوڭچە يېزىلغان T ھەرىپىنى (نورمالدا shift-t) بېسىش ئارقىلىق خەتنى سوزۇش.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
(1). بۇ كىرگۈزۈش كودى bedit.js دېگەن بىرلا ھۆججەتتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ئاۋال ئۇيغۇرچە كىرگۈزمەكچى بولغان ھۆججەتنىڭ <head> ۋە </head> نىڭ ئارىلىقىغا تۆۋەندىكىدەك كودنى يېزىپ قويىمىز:
چەكسىڭىز كود كۆچۈرۈلىدۇ
كود:
<head>
...
<script src="bedit.js"></script>
...
</head>


(2). ئاندىن تۆۋەندىكى 3 خىل ئۇسۇل بويىچە كىرگۈزۈشنى ئەمەلنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ
(تۆۋەندىكى كودنى ئادەتتە <script src="bedit.js"></script> نىڭ ئاستىغا يازساق بولىدۇ).

*1- ئۇسۇل،
چەكسىڭىز كود كۆچۈرۈلىدۇ
كود:
<script language=javascript>attachAll = true; </script>

بۇ كودى ئارقىلىق مۇشۇ كود ئېنىقلىما بېرىلگەن بەتتىكى بارلىق تېكىست كىرگۈزۈش رامكىسىغا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگىلى بولىدۇ .
ئەگەر بۇ كودنى بارلىق بەتكە ئورتاق بولغان head.asp/php,top.asp/php دېگەندەك ھۆججەتكە يازساق بارلىق بېكەت سىستېمىسدا ئىشلەيدۇ، باشقا بەتلەردە ئېنىقلىما بېرىش ھاجەتسىز.

*2- ئۇسۇل،
چەكسىڭىز كود كۆچۈرۈلىدۇ
كود:
<script language=javascript>
attachAll = true;
bedit_deny="textarea2:input3";
</script>


بۇ كودى ئارقىلىق مۇشۇ كود ئېنىقلىما بېرىلگەن بەتتىكى textarea2,input3 دىن باشقا بارلىق تېكىست كىرگۈزۈش رامكىسىغا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگىلى بولىدۇ ، ئەگەر ئۇيغۇرچە كىرگۈزمەيدىغان بولغان ئورۇننى كۆپەيتمەكچى بولساق قوش چېكىت ":" قويۇپ داۋاملاشتۇرساق بولىدۇ.
ئەگەر بۇ كودنى بارلىق بەتكە ئورتاق بولغان head.asp/php,top.asp/php دېگەندەك ھۆججەتكە يازساق بارلىق بېكەت سىستېمىسدا ئىشلەيدۇ، باشقا بەتلەردە ئېنىقلىما بېرىش ھاجەتسىز.

*3- ئۇسۇل،
چەكسىڭىز كود كۆچۈرۈلىدۇ
كود:
<script language=javascript>
bedit_allow = "textarea1:input3";
</script>


بۇ كودى ئارقىلىق مۇشۇ كود ئېنىقلىما بېرىلگەن بەتتىكى textarea2,input3 دېگەن ئىككى تېكىست كىرگۈزۈش رامكىسىغىلا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگىلى بولىدۇ ، قالغان ئورۇنغا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگىلى بولمايدۇ. ئەگەر ئۇيغۇرچە كىرگۈزمەكچى بولغان ئورۇننى كۆپەيتمەكچى بولساق قوش چېكىت ":" قويۇپ داۋاملاشتۇرساق بولىدۇ.
ئەگەر بۇ كودنى بارلىق بەتكە ئورتاق بولغان head.asp/php,top.asp/php دېگەندەك ھۆججەتكە يازساق بارلىق بېكەت سىستېمىسدا ئىشلەيدۇ، باشقا بەتلەردە ئېنىقلىما بېرىش ھاجەتسىز.

ھۆججەتنى توردىن چۈشۈرۈش:
بەت ئاستىغا قاراڭ

2. كېڭەيتىلگەن رايۇن قوللىنىلغان كىرگۈزۈش ئۇسۇلى

ماس كېلىدىغان مۇھىت:
Microsoftنىڭ Win95 نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە ئۇنىڭدىن يۇقۇرى بولغان مەشغۇلات سىستېمىسى، ھەر خىل Linux مەشغۇلات سىستېمىلىرى ۋە شۇلارغا ماس تور بەت كۆرۈش قوراللىرى.

ئالاھىدىلىگى:
Unicode ئۆلچىمى بىلەن ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش.
Ctrl-K بىلەن ئۇيغۇرچە ۋە باشقا تىللاردىكى كىرگۈزۈش ھالىتىنى ئالماشتۇرۇش (Maxthon دا Ctrl+B).
(ئاساسى رايۇن ھۆججىتىگە ئوخشايدىغان قالغان ئىقتىدارلىرىمۇ پات ئارىدا تەمىنلەنمەكچى)

ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
(1). بۇ كىرگۈزۈش كودى edit.js ۋە syntax.js دېگەن ئىككى ھۆججەتتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ئاۋال ئۇيغۇرچە كىرگۈزمەكچى بولغان ھۆججەتنىڭ <head> ۋە </head> نىڭ ئارىلىقىغا تۆۋەندىكىدەك كودنى يېزىپ قويىمىز:
چەكسىڭىز كود كۆچۈرۈلىدۇ
كود:
<head>
...
<script src="edit.js"></script>
<script src="syntax.js"></script>
...
</head>


(2). ئاندىن تۆۋەندىكى 3 خىل ئۇسۇل بويىچە كىرگۈزۈشنى ئەمەلنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ
(تۆۋەندىكى كودنى ئادەتتە <script src="syntax.js"></script> نىڭ ئاستىغا يازساق بولىدۇ).

*1- ئۇسۇل،
چەكسىڭىز كود كۆچۈرۈلىدۇ
كود:
<script language=javascript>kattachAll = true; </script>

بۇ كودى ئارقىلىق مۇشۇ كود ئېنىقلىما بېرىلگەن بەتتىكى بارلىق تېكىست كىرگۈزۈش رامكىسىغا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگىلى بولىدۇ .
ئەگەر بۇ كودنى بارلىق بەتكە ئورتاق بولغان head.asp/php,top.asp/php دېگەندەك ھۆججەتكە يازساق بارلىق بېكەت سىستېمىسدا ئىشلەيدۇ، باشقا بەتلەردە ئېنىقلىما بېرىش ھاجەتسىز.

*2- ئۇسۇل،
چەكسىڭىز كود كۆچۈرۈلىدۇ
كود:
<script language=javascript>
kattachAll = true;
kedit_deny="textarea2:input3";
</script>


بۇ كودى ئارقىلىق مۇشۇ كود ئېنىقلىما بېرىلگەن بەتتىكى textarea2,input3 دىن باشقا بارلىق تېكىست كىرگۈزۈش رامكىسىغا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگىلى بولىدۇ ، ئەگەر ئۇيغۇرچە كىرگۈزمەيدىغان بولغان ئورۇننى كۆپەيتمەكچى بولساق قوش چېكىت ":" قويۇپ داۋاملاشتۇرساق بولىدۇ.
ئەگەر بۇ كودنى بارلىق بەتكە ئورتاق بولغان head.asp/php,top.asp/php دېگەندەك ھۆججەتكە يازساق بارلىق بېكەت سىستېمىسدا ئىشلەيدۇ، باشقا بەتلەردە ئېنىقلىما بېرىش ھاجەتسىز.

*3- ئۇسۇل،
چەكسىڭىز كود كۆچۈرۈلىدۇ
كود:
<script language=javascript>
kedit_allow = "textarea1:input3";
</script>


بۇ كودى ئارقىلىق مۇشۇ كود ئېنىقلىما بېرىلگەن بەتتىكى textarea2,input3 دېگەن ئىككى تېكىست كىرگۈزۈش رامكىسىغىلا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگىلى بولىدۇ ، قالغان ئورۇنغا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگىلى بولمايدۇ. ئەگەر ئۇيغۇرچە كىرگۈزمەكچى بولغان ئورۇننى كۆپەيتمەكچى بولساق قوش چېكىت ":" قويۇپ داۋاملاشتۇرساق بولىدۇ.
ئەگەر بۇ كودنى بارلىق بەتكە ئورتاق بولغان head.asp/php,top.asp/php دېگەندەك ھۆججەتكە يازساق بارلىق بېكەت سىستېمىسدا ئىشلەيدۇ، باشقا بەتلەردە ئېنىقلىما بېرىش ھاجەتسىز.

ھۆججەتنى توردىن چۈشۈرۈش:
بەت ئاستىغا قاراڭ

دىققەت: ئاساسى رايۇن بىلەن كېڭەيتىلگەن رايۇن كودىنى قوللىنىش ئۇسۇلى ئوخشاش بولۇپ، پەقەت بىر ھەرپلا ئوخشىمايدۇ، يەنى ئاساسى رايۇن كىرگۈزۈشنى بەلگىلەش كودى بىلەن سېشلىتۇرغاندا كېڭەيتىلگەن رايۇننىڭ k بىلەن باشلىنىدۇ.

نۆۋەتتە كۆپلىگەن تور ئابونتلىرى WindowsXP ئىشلتىۋاتقانلىغى ئۈچۈن ئاساسى رايۇننى قوللىنىش ئاقىلانىلىق ھەم نۇرغۇن ئەۋزەللىكلىرى بولسىمۇ، يەنە بىر قسىم تۆۋەنرەك مەشغۇلات سىستېمىلىرىنى ئىشلىتۋاتقان تورداشلارنى كۆزدە تۇتۇپ، كېڭەيتىلگەن رايۇندا كىرگۈزۈش ئۇسۇلىمۇ تەمىنلەندى، لېكىن بۇنى ئىشلىتىشنى بەك تەۋسىيە قىلمايمىز، ئاساسى رايۇن كودىنىڭ بالدۇرراق ئومۇملىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز .

بىلىك كۇلۇبىمۇ نۆۋەتتە ئاساسى رايۇن ۋە كېڭەيتىلگەن رايۇن كىرگۈزۈش كودىنى بىللە ئىشلەتمەكتە، ۋاقتى كەلگەندە كۇلۇب ئاساسى ئۇسلۇبىنى ئاساسى رايۇن كودىغا توغرىلايمىز ("كۆرۈنۈش ئۇسلۇبى" دېگەن ئورۇندىكى A بىلەن ئاياقلاشقىنى ئاساسى رايۇن، قالغىنى كېڭەيتىلگەن رايۇن ).

ئاخىرىدا Unicode نىڭ ئۇيغۇرلاردا كەڭ ئومۇملىشىغا تۈرتكە بولغان مۇشۇنداق قولايلىق كودنى تۈزۈپ چىققان مۇھەممەدجان ئەپەندىگە كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز. تورداشلارنىڭ ئاپتورنىڭ مۇشۇ كودقا نىسبەتەن يازغان نەشىر ئۇچۇرىنى چىقىرىۋەتمەسىلىگىنى، ھەقسىز تارقىتىشىنى، نۆۋەتتە ئومۇملاشقان ۋە بىرلىككە كەلگەن كىرگۈزۈشنى ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلى Ctrl+K نى خالىغانچە ئۆزگەرتىپ ئىشلەتمەسىلگىنى تەۋسىيە ھەم ئۈمىد قىلىمەن.

بۇ كودلارنىڭ نۆۋەتتىكى مۇشۇنداق قولايلىقىنى كۆرگەندە، كونا كۇلۇبتا قوللانغا دەسلەپكى ئۇسۇللارنىمۇ ئەسلەپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدۇ:
http://old.bilik.cn/bbs/viewthread.php?tid=391

قوشۇمچە ھۆججەت

bedit.js (22.7 KB)

2006-1-17 20:09, چۈشۈرۈش قېتىمى: 2850

ئاساسى رايۇن ئىشلەتكەن

edit.js (14.5 KB)

2006-1-17 20:09, چۈشۈرۈش قېتىمى: 2062

كېڭەيتىلگەن رايۇن ئىشلەتكەن

syntax.js (51.56 KB)

2006-1-17 20:09, چۈشۈرۈش قېتىمى: 2164

كېڭەيتىلگەن رايۇن ئىشلەتكەن

بىلىك كۇلۇبى - ھەممىمىزنىڭ كۇلۇبى!

چوققا

بەك ياخشى بوپتۇ ئارسىلان ئەپەندىم.

چوققا

بۇندىن كېيىن ئاساسىي رايونغا يۈزلىنىمىزمۇ ؟
مەن تەرجىمە قىلغان چېغىمدا پەقەت ئاساسىي رايوندىلا قىلىۋاتىمەن ،win98 بىلەن تورغا چىققان دوستلار خەتلەرنى نورمال كۆرەلمەيدۇ،بىراق ئاڭلىسام بۇندىن كېيىن ئاساسىي رايون ئومۇملىشىدىكەن ،بۇ راستمۇ؟

چوققا

ئەمما، يۇنىكودلۇق فۇنتلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى تۇلىمۇ ئۆلچەمسىز. بۇ سان-سىفىر ۋە ھەرخىل بەلگىلەرنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرۇلۇشىدا رۇشەن كۆزگە چېلىقىدۇ. ھازىر ئۇيغۇرچە ئۆلچەمسىز كىرگۈزگۈچلەرنىڭ ئچىدە ئەلكاتىپنىڭ بولۇپمۇ 4.0 نىڭ خەت نۇسخىلىرى بەكلا ئۆلچەملىك. مېنىڭچە مۇشۇ ئەلكاتىپ 4.0 نىڭ خەت نۇسخىلىرىنى يۇنىكودقا ئۆزگەرتسە يۇنىكودنىڭ ئومۇملىشىشىغا زور ياردىمى بۇلاتتى.
مەنمۇ زامانغا ماسلىشاي دەپ يۇنىكودنى ئىشلەتكەنىدىم. بىراق خەت نۇسخىلىرىدىن رازى بولماي يەنە شۇ ئۆلچەمسىز ئەلكاتىپنى ئىشلىتىۋاتىمەن.
مۇتەخەسىسلەر مۇشۇ جەھەتتە ئىزدەنسە بۇلاتتى!

چوققا

UKIJ تەمىنلىگەن يۇنىكودلۇق خەت نۇسخىلىرى ناھايىتى كۆركەمغۇ؟ لېكىن شۇ تۈۋەن مەشخۇلات سىستېمىلىرىدا نورمال كۆرۈنمەيدۇ. بۇ كۈنلەرمۇ ئۇزۇنغا قالماي ئۆتۈپ كېتىدۇ.

چوققا

تور كۆرگۈچنىڭ ئىشلەتكۈچىنىڭ مەشغۇلات سىېستىمىسىغا ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ ،مەشغۇلات سېستىمىسى تۆۋەن بولسا ، كېڭەيتىلگەن رايۇن كودىنى ، يۇقىرى بولسا ئاساسىي رايۇن كودىنى كۆرسىتىدىغان قىلىپ بىر پروگرامما تۈزۈپ، سانلىق مەلۇمات ئامبىرى ئىككى يۇرۈش بولسا ، ساقلانغان ۋاقىتتا ئىككى يۈرۈش ساقلانسا ياكى بىر يۈرۈش ئاساسىي رايۇندىلا ساقلانسا ، ئاساسىي رايۇن ئۈچۇرلىرىنى كېڭەيتىلگەن رايۇن ئۇچۇرىغا ئايلاندۇرۇدىغان بىر فونكىسىيە تۈزۈپ ، تۆۋەن مەشغۇلات سىېستىمىسىدا مۇشۇ فونكىسيەنى يۆتكەپ ئىشلىتىپ ، كېڭەيتىلگەن رايۇندا كۆرسىتپ بېرىدىغان قىلىدىغان ئىقتىدارنى ئەمەلگە ئاشۇرساق بۇ مەسىلە ھەل بولىدۇ .

چوققا

manzilsoft ئەپەندىنىڭ تەكلىۋى ۋە تەسەۋۋۇرى تولىمۇ ئۇرۇنلۇق.بۇ ساھەدە ئىزدەنسەك بولاتتى.

چوققا

تەكلىپىم: بىلىكتىكىلەر ئالىم ئەخەد ئەپەندى بىلەن ئالاقىلىشىپ ئەلكاتىپ4.0 نىڭ ئۆلچەمسىز خەت نۇسخىلىرىنى يۇنىكود ئۆلچىمىگە ئايلاندۇرۇشقا ئىجازەت ئالسا (ئاندىن بۇنى پىشقان بىر پروگراممىر ئايلاندۇرسا) يۇنىكودلۇق فۇنتلار رەسمىي ئۆلچەملىشەتتى... قاتتىق ئۆلچەم بىلەن قارىغاندا ياكى ئەلكاتىپ 4.0 نىڭ خەت نۇسخىلىرىغا سېلىشتۇرغاندا ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلمىي جەمئىيىتى تەمىنلىگەن 44 خىل خەت نۇسخىسىنىڭ ھېچقايسىسى ئۆلچەمگە يەتمەيدۇ. مەسىلەن ئالايلى، بىلىك كۇلۇبى ئىشلىتىۋاتقان مۇشۇ خەت نۇسخىسىنى (ukj tuz tom) مىسالغا ئالايلى، بۇ خەت نۇسخىسىنىڭ سان-سىفىرلىرى، چېكىت، پەشلىرى ئۆلچەمگە يەتسىمۇ لېكىن، سىزىق (__)، سىزىقچە (-) لەردە خېلىلا مەسىلە بار...
(بۇ يەردە مەن يۇنىكودلۇق خەت نۇسخىسىنى Microsoft Office دە ئىشلىتىش جەريانىدىكى تەسىراتىمنى ئېيتتىم جۇمۇ)

چوققا

raxit1973 مۇنداق يازغان:
نەقىل:
تەكلىپىم: بىلىكتىكىلەر ئالىم ئەخەد ئەپەندى بىلەن ئالاقىلىشىپ ئەلكاتىپ4.0 نىڭ ئۆلچەمسىز خەت نۇسخىلىرىنى يۇنىكود ئۆلچىمىگە ئايلاندۇرۇشقا ئىجازەت ئالسا (ئاندىن بۇنى پىشقان بىر پروگراممىر ئايلاندۇرسا) يۇنىكودلۇق فۇنتلار رەسمىي ئۆلچەملىشەتتى...
بۇنى ئايلاندۇرۇشقا ئالىم ئەھەت ئەپەندى ئەلبەتتە قۇشۇلىدۇ، بىز ھازىرغىچە ئۇيغۇرسوفت شىركىتى بۇ مەسىلىنى ئۆزلىرى ھامىنى ھەل قىلىدۇ دەپ قارايمىز.يەنى Unicode خەت نۇسخىللىرىنى ياسايدۇ دەپ ئىشىنىمىز.

UKIJ خەت نۇسخللىرىدىكى مەسىلىلەر ھەقىقەتەن شۇنداق، ئەينى ۋاقىتتا خەت نۇسخسىنىڭ ئىسمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش يۈزىسىدىن ئىچىكە مەسىلىلەرگە تەلەپ يۇقۇرى قويۇلمىغان بولسا كېرەك. مەنمۇ ئۇ ۋاقىتتا بۇ مەسىلىلەرنى بايقىمىغان. مەن UKIJ غا تەكلىپ بېرىپ خەت نۇسخلىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى مەسىلىلەرنى تۈزەش كە تىرىشچانلىق كۆرسىتەي.

چوققا

رەھمەت ئەليار ئەپەندى! سىزنى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم.

چوققا

 35 1234
يېڭى تېما يوللاش